
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 17-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئەنگلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان مەزگىلدە، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئالاھىدە مۇناسىۋەتنى قاتتىق ماختىغان.
ترامپ مۇنداق بىلدۈرگەن: «ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئوتتۇرىسىدىكى قانداشلىق مۇناسىۋەت ۋە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى بىباھا، مەڭگۈلۈك، ئۇنىڭ ئورنىنى ھېچنېمە ئالالمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇستەھكەم.»
ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالغاندا، ترامپ مۇنداق بىلدۈرگەن: ئامېرىكىلىقلارنىڭ قارىشىچە، «ئالاھىدە» دېگەن بۇ سۆز ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى سۈپەتلەشكە ئاجىزلىق قىلىدۇ.
ترامپ يەنە ئەنگلىيەنىڭ ئۆزىنى 2-قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە تەكلىپ قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ، «بۇ ھاياتىمدىكى ئەڭ ئالىي شان-شەرەپلەرنىڭ بىرى» دېدى.
تەھلىل قىلىنىشىچە، ئەنگلىيە ترامپنىڭ ئەنگلىيەگە بولغان ياخشى تەسىرىنى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستامېر ترامپنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىتىگە كۈچ قوشۇشىنى، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تاموژنا بېجىنى تۆۋەنلىتىشنى ھەمدە مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇكرائىنا ۋە ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە ترامپقا بېسىم ئىشلىتىشنى ئۈمىد قىلغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ