بولمايدۇ، «گۇۋاھنامىنى تۇتۇپ قېلىش» تىپىك خىزمەت ئىزدەش قىلتىقى. «ئەمگەك توختامى قانۇنى»نىڭ 9-ماددىسىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچى قوبۇل قىلغاندا، ئەمگەكچىنىڭ كىملىكى ۋە باشقا كىنىشكىلىرىنى تۇتۇپ قالسا بولمايدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.
خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر كىنىشكىنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ھەرگىز باشقىلارغا بەرمەسلىكى كېرەك، ئەگەر ئېھتىياجلىق بولسا، پەقەت مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا كۆرسەتسىلا بولىدۇ. ئەگەر كىنىشكىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى ياكى فوتو باسما نۇسخىسىنى تەمىنلەشكە توغرا كەلسە، چوقۇم مۇۋاپىق ئورۇنغا كونكرېت ئىشلىتىش ئورنىنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى ئۇنتۇماڭ.