9-ئاينىڭ 16-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، سىياسىي-قانۇن كومىتېتى قاتارلىق 17 تارماق ئۈچ يىللىق قۇشلارنى قوغداش پائالىيىتى ۋە قۇشلارنى قانۇنسىز ئوۋلاش، ئېلىش-سېتىشقا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى بىرلىشىپ باشلىغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت قۇشلارنى قانۇنسىز ئوۋلاش، ئېلىش-سېتىش قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە تېز، سىجىل زەربە بېرىپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى قوغداشتىن ئىبارەت.