ترامپ زۆرۈر تېپىلغاندا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلايدىغانلىقىنى ئېيتتى

2025.09.16 15:23 مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى سەھەردە، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى «ھەقىقىي ئىجتىمائىي ئالاقە»دە يازما ئېلان قىلىپ، ۋاشىنگتون شەھىرىنىڭ باشلىقى بوزېر فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىگە «ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونى چوڭ شەھەر ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئامېرىكىدا قانۇنسىز ئولتۇراقلاشقان ياكى كىرگەن شەخسلەرنىڭ ئۇچۇرى توغرىسىدا ئامېرىكا كۆچمەنلەر ۋە تاموژنا قانۇن ئىجرا قىلىش ئىدارىسى بىلەن ھەمكارلاشمايدىغانلىقىنى» ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، ئۇ زۆرۈر تېپىلغاندا پۈتۈن ئامېرىكىنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى جاكارلايدىغانلىقىنى ھەمدە ۋاشىنگتون ئالاھىدە رايونىنى ئومۇميۈزلۈك فېدېراتسىيە باشقۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ