پولشا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قىسىملىرىنىڭ ئورۇنلىشىشىغا قوشۇلدى

2025.09.16 15:22 مەنبە: خەلق تورى

پولشا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «شەرقىي قىسىم قاراۋۇلى» ھەربىي ھەرىكەت قىسملىرىنىڭ ئورۇنلىشىشىغا قوشۇلدى

پولشا دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: زۇڭتۇڭ ناۋروسكى قارار ئىمزالاپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارمىيەسىنىڭ پولشا زېمىنىغا ئەسكەر ئەۋەتىپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «شەرقىي قىسىم قاراۋۇلى» ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ تەركىبىي قىسمى قىلىشىغا قوشۇلدى.

پولشا ھاۋا تەۋەلىكىدە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى رۇتتې 9-ئاينىڭ 12-كۈنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى «شەرقىي قىسىم قاراۋۇلى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەتنى قوزغاپ، ئىتتىپاقنىڭ شەرقىي قاناتتىكى ھەيۋىسى ۋە مۇداپىئە ھالىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. دانىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، گېرمانىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر قوشۇن ۋە قورال-ياراغلارنى يۆتكەپ بۇ ھەرىكەتكە قاتنىشىدۇ.

شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى كېچىدە، نۇرغۇن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان پولشا ھاۋا تەۋەلىكىگە كىردى، پولشا ھەربىي تەرەپ بىر قىسىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى جىددىي بىر تەرەپ قىلدى ۋە ئېتىپ چۈشۈردى. پولشا ھۆكۈمىتى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلارنىڭ رۇسىيەدىن كەلگەنلىكىنى ئېيتتى، رۇسىيە تەرەپ نۆۋەتتە بۇ توغرىسىدا ھۆكۈم چىقىرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ