

9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى سائەت 8 دىن 48 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CZ 6002 نۆۋەتچى ئايروپىلانى 160 تىن ئارتۇق يولۇچىنى ئېلىپ رۇسىيە پايتەختى موسكۋادىن ئۇچۇپ ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى، ئۇچۇش ۋاقتى تەخمىنەن 4.5 سائەت بولدى. جۇڭگو رۇسىيەنىڭ ئادەتتىكى پاسپورتى بارلارغا قارىتا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش سىياسىتى كۈچكە ئىگە بولغان تۇنجى كۈنىدە، شىنجاڭ تۇنجى تۈركۈمدە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ چېگرادىن كىرگەن رۇسىيەلىك يولۇچىلارنى كۈتۈۋالدى.
ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى پايدىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈرۈمچى-موسكۋا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە بېلەت زاكاز قىلىش نىسبىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭغا ۋىزىسىز چېگرادىن كىرگەن تۇنجى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ تولۇش نىسبىتى %97 كە يەتكەن. بۇ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ كەلگۈسى 20 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە ئورۇن زاكاز قىلىش نىسبىتى % 70تىن ئاشقان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ