تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ! قارا يامغۇر ياغىدۇ! پۈتۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئىككى مەيدان ھۆل-يېغىن ياغىدۇ!

2025.09.16 15:20 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ ھەپتە شىنجاڭدا ئىككى قېتىم ھۆل-يېغىن كۆرۈلىدىكەن

شىمالىي شىنجاڭ ۋە شەرقىي شىنجاڭدا تېمپېراتۇرا بەش سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدىكەن، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا ئەتىگەن بىلەن كەچنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى 10 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىكەن

قىسمەن رايونلاردا يەنە بورانلىق، چاڭ-توزانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن.

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ھۆل-يېغىن ۋە تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەشنىڭ ساياھەت، قاتناش ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا كۆرسىتىدىغان پايدىسىز تەسىرىدىن ھوشيار بولۇشنى ئەسكەرتتى

بۇ ھەپتە ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا تۆۋەن تېمپېراتۇرا 8 سېلسىيە گىرادۇستىن 11 سېلسىيە گىرادۇسقىچە، يۇقىرى تېمپېراتۇرا 16 سېلسىيە گىرادۇستىن 23 سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولۇپ، ئەتىگەن بىلەن كەچنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولىدىكەن

بۇنىڭ ئىچىدە، 9 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى كېچىدىن 17 ـ كۈنى چۈشكىچە

ئۇلانبايدىن خۇڭيەنچىگىچە بولغان جايلاردا سەككىز بال ئەتراپىدا شەرقىي جەنۇب ئۆتكۈنچى شامىلى چىقىدىكەن

جەنۇبىي شەھەر ئەتراپىدىن سەيۋوپۇغىچە بولغان ئارىلىقتا يەتتە بال ئەتراپىدا ئۆتكۈنچى شامال چىقىدىكەن

تىيانشان رايونى، سايباغ رايونىدا تۆت بالدىن بەش بالغىچە شەرقىي جەنۇب شامىلى چىقىدىكەن

9-ئاينىڭ 19-كۈنى كەچقۇرۇندىن كېچىگىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ، ئازراق ئوتتۇرا ھال يامغۇر ياغىدىكەن

نەنسەن تاغلىق رايونىدا ئوتتۇرا ھال ياكى قاتتىق يامغۇر، ئېگىز تاغلاردا قېلىن قار ياغىدىكەن

داۋانچىڭ رايونىدا ئازراق يامغۇر يېغىپ، ئالتە بالدىن يەتتە بالغىچە غەرب شامىلى چىقىدىكەن

ھەپتە ئىچىدىكى باشقا ۋاقىتلاردا، شەھەر رايونىدا ھاۋا ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدىكەن، تاغلىق رايوندا ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ