«تاموژنا خەۋىرى» ئۈندىدار سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، گۇاڭشى دۇڭشىڭ تاموژنىسى چېگرادىن كىرگەن بىر يولۇچى ئېلىپ ماڭغان نەرسىلەر ئىچىدىن 36 تىرىك قوڭغۇزنى قولغا چۈشۈرگەن.
دۇڭشىڭ تاموژنىسىنىڭ تاموژنا خادىملىرى دۇڭشىڭ پورتى 1-كۆۋرۈكىدە چېگرادىن كىرگەن يولۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ يۈك-تاقلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇۋاتقاندا، بىر يولۇچى يېنىدا ئېلىپ يۈرگەن سومكىنىڭ ماشىنىدا تەكشۈرۈش سۈرىتىدە نورمالسىزلىقنى بايقىغان. يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تاموژنا خادىملىرى بۇ سومكىنىڭ ئىچىدىن بىر سۈزۈك سولياۋ قۇتىنى قولغا چۈشۈرگەن، قۇتا ئىچىدە زور مىقداردىكى تىرىك قوڭغۇز ۋە يەم بار ئىكەن. بۇ قوڭغۇزلارنىڭ سانى جەمئىي 36 بولۇپ، قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە، بېشى ئالدىغا سوزۇلۇپ روشەن تۇمشۇق ھاسىل قىلغان، نەننىڭ تاموژنىسى تېخنىكا مەركىزى بۇلارنىڭ ھەممىسىنى «قىزىل قوڭۇر رەڭلىك پىل قوڭغۇزى» دپ باھالاپ بېكىتكەن.
قىزىل قوڭۇر پىل قوڭغۇزى يەنە دات رەڭلىك پالما پىلى، كوكۇس پىلى قوڭغۇزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش زىيانلىق جانلىقلار تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن كارانتىن قىلىنىدىغان زىيانلىق جانلىقلار ۋە «تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن يات تۈرلەرنى نۇقتىلىق باشقۇرۇش تىزىملىكى»گە ئېنىق كىرگۈزۈلگەن سىرتتىن تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن تۈرلەرگە تەۋە.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى قانۇنى» ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان-چىقىرىلىدىغان ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى كارانتىن قىلىش قانۇنى» ھەم ئۇنى يولغا قويۇش نىزامى قاتارلىق قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن، تەستىقلاتماي تۇرۇپ، يات تۈرلەرنى ئۆز مەيلىچە كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ، تىرىك ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى چېگرادىن ئېلىپ كىرىش، ئەۋەتىش مەنئى قىلىنىدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.