شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لىجتېنشتېيننىڭ دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزگۈچى تەخت ۋارىسى ئالوئىس بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن لىجتېنشتېين ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، دوستانە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردە زىچ ماسلىشىپ، چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر دوستانە بىللە ئۆتۈش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. مەن جۇڭگو - لىجتېنشتېين مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ۋاكالىتەن يۈرگۈزگۈچى تەخت ۋارىسى ئالوئىس بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايمەن.
ئالوئىس مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، لىجتېنشتېين بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت دوستلۇقتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك ئالاقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، مۇستەھكەم، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇردى، بۇ، خىرىس قايتا - قايتا كۆرۈلۈۋاتقان ھازىرقى دەۋردە ئىنتايىن مۇھىم. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، لىجتېنشتېين بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت كەلگۈسىدە ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدۇ.