شى جىنپىڭ گىۋىيانا زۇڭتۇڭى ئالىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025.09.15 15:32 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئالىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گىۋىيانا ھەمكارلىق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: گىۋىيانا جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان كارب رايونىدىكى دۆلەت. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 53 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - گىۋىيانا مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردا قويۇق ماسلىشىشنى ساقلىدى. 2023 - يىلى 7 - ئايدا، بىز چېڭدۇدا ئۇچراشقاندا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانىدۇق. مەن زۇڭتۇڭ ئالى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش رامكىسى ئىچىدە ئىككى تەرەپلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - گىۋىيانا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ