شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2025 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنياۋى ئىقتىساد ئەندىزىسىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، دۇنياۋى تەرەققىياتتا خىرىس ۋە پۇرسەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى، دۆلەت مۇلازىمەت سودىسىنى ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قاتارلىق سۇپىلارنى ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىشنى تېزلىتىپ، مۇلازىمەت بازىرىنى ئېچىۋېتىشنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، مۇلازىمەت سودىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، قول تۇتۇشۇپ دۇنياۋى مۇلازىمەت سودىسى جەھەتتىكى ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش، ھەمكارلىشىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
2025 - يىللىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودىسى يەرمەنكىسى شۇ كۈنى بېيجىڭدا باشلاندى، باش تېمىسى «رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش ئارقىلىق يول باشلاش، مۇلازىمەت سودىسىغا يېپيېڭى تۈس قوشۇش» بولۇپ، سودا مىنىستىرلىقى ۋە بېيجىڭ شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.