
باغداد خەۋىرى: ئىراق ھۆكۈمىتى يېقىندا جۇڭگو دۆلەت تىلى ئوقۇتۇشىنى ئالىي مائارىپ سىستېمىسىغا كىرگۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە باغداد داشۆسى جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى تەستىقلىدى. باغداد داشۆسى جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا تۇنجى تۈركۈمدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىشىدىن ئۈمىد بار.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، باغداد داشۆسى جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ تەييارلىق قىلىۋاتقىنىغا كۆپ يىل بولغان. بۇ يىل 8-ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئىراق ئالىي مائارىپ ۋە پەن تەتقىقات مىنىستىرلىقى باغداد داشۆسىدە جۇڭگو تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى تەسىس قىلىشنى رەسمىي تەستىقلىغان، بۇ يەنە ئىراق مەركىزىي ھۆكۈمىتى تەستىقلاپ تەسىس قىلغان تۇنجى ئالىي مەكتەپ جۇڭگو دۆلەت تىلى كەسپى ھېسابلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ