
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن دۆلىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 77 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېنغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 77 يىلدىن بۇيان، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى چاۋشيەن خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ بوشاشماي جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىستىك تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يولداش باش شۇجى باشچىلىقىدىكى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، چاۋشيەن خەلقى چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى 8 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان - ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، نۇرغۇن خۇشاللىنارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئىشىنىمەنكى، چاۋشيەن خەلقى چوقۇم كۆتۈرەڭگۈ روھ ۋە قالتىس نەتىجىلەر بىلەن چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى 9 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، چاۋشيەنچە سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن ئىككى دۆلەت تاغ - دەريالىرى تۇتاش ئەنئەنىۋى دوستانە قوشنا دۆلەتلەر. جۇڭگو - چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش باشتىن - ئاخىر جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى. يېقىندا يولداش باش شۇجى جۇڭگوغا كېلىپ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتىڭىز، مەن سىز بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچرىشىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزدۇق. جۇڭگو تەرەپ چاۋشيەن تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - چاۋشيەن دوستلۇقى ۋە ئىككى دۆلەتنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ