شى جىنپىڭ جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەت ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىنى ئىلھاملاندۇردى

​ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ كۆپ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك

​لى چياڭ ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىرى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەستىقىي يوليورۇق بەردى

2025.09.11 15:11 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جاۋاب خەت

پۈتۈن مەملىكەت ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىگە:

خېتىڭلارنى تاپشۇرۇۋېلىپ مەزمۇنىدىن خەۋەردار بولدۇم. «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى» يولغا قويۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار يېزا - كەنت مائارىپ ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، ئۈچ چى كېلىدىغان دەرس مۇنبىرىدە يىلتىز تارتىپ، قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھېسسىياتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

مائارىپ ئۇلۇغۋار پىلانىدا، ئوقۇتقۇچىلار ئاساس. سىلەرنىڭ مائارىپ ئەسلىي مەقسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش قابىلىيىتىڭلارنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغداپ ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ كۆپ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەيمەن ۋە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

شى جىنپىڭ

2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى 41 - قېتىملىق ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرىنى بايرام مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلىدى ۋە سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى» يولغا قويۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكى كەڭ ئوقۇتقۇچىلار يېزا - كەنت مائارىپ ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، ئۈچ چى كېلىدىغان دەرس مۇنبىرىدە يىلتىز تارتىپ، قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، ئۈن - تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ھېسسىياتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مائارىپ ئۇلۇغۋار پىلانىدا، ئوقۇتقۇچىلار ئاساس. سىلەرنىڭ مائارىپنىڭ ئەسلىي مەقسىتىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش قابىلىيىتىڭلارنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغداپ ۋە ئۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تىرىشىپ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ كۆپ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچىلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. كەڭ ئوقۇتقۇچىلار ۋە مائارىپ خىزمەتچىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مائارىپچىلار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىپ داۋلى ئۆگىتىپ، ئىلىم بېرىپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇشى كېرەك.

يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا ئالاھىدە ئىش ئورنى تەسىس قىلىش پىلانى(قىسقارتىلىپ «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى» دېيىلدى)دا مەركەز مالىيەسى مەخسۇس تۈر مەبلىغى تەسىس قىلىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئوتتۇرا، غەربىي قىسىملاردىكى يېزا مەكتەپلىرىگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا ئاشكارا تەكلىپ قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئىشلەتتى. «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى» 2006 - يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جەمئىي 1 مىليون 180 مىڭ كىشى ئالاھىدە ئىش ئورنى ئوقۇتقۇچىلىقىغا تاللاپ تەكلىپ قىلىنىپ، 22 ئۆلكە، 1000دىن ئارتۇق ناھىيەدىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق يېزا مەكتىپىنى قاپلىدى. يېقىندا، مەملىكەت بويىچە «ئەڭ گۈزەل ئوقۇتقۇچى» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشكەن پۈتۈن مەملىكەت ئالاھىدە ئىش ئورنىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سەككىز ۋەكىلى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، يېزا - كەنت مائارىپ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىش ئەھۋالى ۋە تەسىراتىنى دوكلات قىلىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېزا - كەنتلەردە يىلتىز تارتىپ، ئوقۇتۇش ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ