
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس 9-ئاينىڭ 9-كۈنى نيۇيوركتىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش ئىشتابىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلار يىغىنىدا ئىسرائىلىيەنىڭ قاتارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
گۇتېررېس مۇنداق دېدى: «مەن ئىسرائىلىيەنىڭ قاتارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئاشكارا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ئەيىبلەيمەن.» قاتار غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىش ۋە تۇتۇپ قېلىنغان خادىملارنى قويۇپ بېرىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئىزچىل ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلدى. ھەرقايسى تەرەپلەر جەزمەن تىرىشىپ غەززەدە مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ھاسىل قىلىشى، ھەرگىزمۇ سۆھبەتتىكى تىرىشچانلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلماسلىقى كېرەك.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە 9-ئاينىڭ 9-كۈنى قاتار پايتەختى دوھادىكى پەلەستىن (خاماس)نىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىگە دەل جايىدا زەربە بەرگەنلىكىنى ئېيتقان. قاتار دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇمىنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئوچۇقتىن-ئوچۇق خىلاپلىق قىلغانلىقىنى، قاتار پۇقرالىرى ۋە شۇ جايدىكى ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالغانلىقىنى، قاتارنىڭ بۇنداق قىلمىشقا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ