شى جىنپىڭ 25 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا مەبلەغ سېلىش - سودا يەرمەنكىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2025.09.10 15:35 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 25 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا مەبلەغ سېلىش - سودا يەرمەنكىسىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقئارا مەبلەغ سېلىش - سودا يەرمەنكىسى «قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، دۇنياۋى تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش»نى مەڭگۈلۈك باش تېما قىلىپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان ئۈنۈملۈك سۇپىغا ئايلاندى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئاساسلىق تۆھپە قوشقۇچى ۋە مۇقىملاشتۇرغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزىنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىدىن دۇنيا بىلەن داۋاملىق تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، دۇنياۋى تەرەققىياتقا تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ ۋە ئېنىقلىق قوشىدۇ. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، قول تۇتۇشۇپ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشنى خالايدۇ.

25 - نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا مەبلەغ سېلىش - سودا يەرمەنكىسى شۇ كۈنى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شيامېن شەھىرىدە باشلاندى، سودا مىنىستىرلىقى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ