9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ توردا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى
9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ توردا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، شاۋ يىبو) 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ توردا ئۆتكۈزۈلگەن باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافوسا، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى، ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشكيان، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى پرابوۋو، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئابۇزەبىنىڭ تەخت ۋارىسى خالىد ھەمدە ھىندىستان، ئېفىيوپىيەنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، زومىگەرلىك، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق ئەۋج ئالدى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى 1 - چاسا سەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق قەتئىي قوغداپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، «چوڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى»نى ئالغا سىلجىتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق ئۈچ تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى:
بىرىنچى، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداش كېرەك. كۆپ تەرەپچىلىك كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى، ۋەزىيەتنىڭ يۈزلىنىشى، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تايانچى. مەن ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەرىكەت قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ. ئورتاق كېڭىشىش ئورتاق قۇرۇش ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغداپ، كۆپ تەرەپچىلىك ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك. خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ۋە سۆز قىلىش ھوقۇقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بايلىقىنى تولۇق ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىسقا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇش كېرەك.
ئىككىنچى، ئېچىۋېتىش، ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ئىقتىساد - سودا تەرتىپىنى قوغداش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى توسۇۋالغىلى بولمايدىغان تارىخىي ئېقىم. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ئېچىۋېتىلگەن، ھەمكارلىشىدىغان خەلقئارا مۇھىتتىن ئايرىلالمايدۇ، ھېچكىممۇ بېكىنمە تەنھا ئارالغا قايتالمايدۇ. قەتئىي تەۋرەنمەي ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېچىۋېتىش داۋامىدا پۇرسەتتىن ھەمبەھرىلىنىپ، ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، بارلىق شەكىلدىكى قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇش كېرەك؛ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، تەرەققىياتنى خەلقئارا قارالمىنىڭ مەركىزىي ئورنىغا قويۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنى خەلقئارا ھەمكارلىققا ئادىل قاتناشتۇرۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك.
ئۈچىنچى، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا يېقىننى ئىگىلەيدۇ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ تەخمىنەن %30ىنى ئىگىلەيدۇ، سودا ئومۇمىي سوممىسى دۇنيا سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى قانچە قويۇقلاشقانسېرى، تاشقى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچى شۇنچە ئاشىدۇ، ئامالى شۇنچە كۆپىيىدۇ، ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ باشقا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا، پۇل مۇئامىلە، پەن - تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، «چوڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى»نىڭ ئاساسىنى تېخىمۇ پۇختىلاپ، قۇۋۋىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ، تەسىرىنى تېخىمۇ زورايتىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.
يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر، يەككە تەرەپچىلىك ۋە مۇشتۇمزورلۇق قىلمىشى خەلقئارا تەرتىپكە زەربە بەرمەكتە، خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا قائىدە تەھدىتكە ئۇچرىماقتا، سودا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىدىغان قورالغا ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كىرىزىس ۋە خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق قوغداپ، ئەركىن، ئوچۇق خەلقئارا سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى مۇنداق قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىدا مۇھىم نۇقتا تۇتۇلغان بولۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنىڭ يۆنىلىشى ۋە يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ھەرقايسى تەرەپلەر يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى، غەززە توقۇنۇشى قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرىدە داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسى «تىنچلىق دوستى» گۇرۇپپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»دە چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا قوشۇلدى.
سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار قاتناشتى.