شى جىنپىڭ جۇڭگو - رۇسىيە دوستلۇق، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 15 - قېتىملىق ئىككى تەرەپ ئومۇمىي يىغىنىغا تەبرىك سۆزى قىلدى

2025.09.08 15:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جۇڭگو - رۇسىيە دوستلۇق، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ 15 - قېتىملىق ئىككى تەرەپ ئومۇمىي يىغىنى رۇسىيەنىڭ ۋىلادىۋوستوكتا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىنغا تەبرىك سۆزى قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - رۇسىيە دوستلۇق، تىنچلىق ۋە تەرەققىيات كومىتېتى قۇرۇلغان 28 يىلدىن بۇيان، دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت، بۇرچتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتى ئومۇمىيىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ جەمئىيەت خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلىدى. كومىتېتنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىننى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ خەلق ئىچى ئالاقىسىدىكى ئاساسىي يول بولۇش رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتىن ئىبارەت دوستلۇق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شۇ كۈنى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىنمۇ ئومۇمىي يىغىنغا تەبرىك سۆزى قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ