
9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىسو بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سىلوۋاكىيە ئىككى دۆلەت ئىلگىرى دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن غايەت زور مىللىي قۇربانلىق بېرىپ، مۇھىم تارىخىي تۆھپە قوشقان. ھازىر دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، خەلقئارا جەمئىيەت ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئىتتىپاقلىشىش - ھەمكارلىشىشقا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. ئىككى تەرەپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، بىرلىكتە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ سىلوۋاكىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇقتا چىڭ تۇرغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، سىلوۋاكىيە تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ تاللىغان تەرەققىيات يولىنى قەتئىي قوللاپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. يېڭى ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ. سىلوۋاكىيە تەرەپنىڭ داۋاملىق تۈردە جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشتا پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
فىسو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسى، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى، جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، پۈتۈن دۇنياغا ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ، تىنچلىق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ، خەلق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ دېگەن كۈچلۈك ئۇچۇرنى يەتكۈزدى، بۇ كىشىنى قايىل قىلىدۇ. مەن تەكلىپ بىلەن جۇڭگوغا كېلىپ بۇ كاتتا ئىشقا گۇۋاھ بولغانلىقىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلدىم. سىلوۋاكىيە بىلەن جۇڭگو ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى تېز، ئوڭۇشلۇق ئىلگىرى سۈرۈلدى. سىلوۋاكىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سىلوۋاكىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ. سىلوۋاكىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ