شى جىنپىڭ ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭ بىلەن كۆرۈشتى

2025.09.08 15:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، يوللۇقلار ياردەمگە ئېرىشەلەيدۇ، يولسىزلار يار - يۆلەكسىز قالىدۇ، غەلىبە مۇقەررەر ھەققانىي تەرەپكە مەنسۇپ. جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام ئىككى تەرەپ ئورتاق ھالدا تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشى غەلىبە نەتىجىلىرىنى قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە قەتئىي تۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ۋيېتنامنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولىدا ياخشى مېڭىپ، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 14 - قۇرۇلتىيىنى ياخشى ئېچىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ يولداش ھەم قېرىنداشلىق روھى ئاساسىدا، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ھەم «جۇڭگو - ۋيېتنام ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي مەنپەئەت يەتكۈزۈشى كېرەك. يەككە تەرەپچىلىك، ئورمان قائىدىسى تەتۈر ئېقىمى ئالدىدا، بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەر مۇرەسسەچىلىك قىلىش، يول قويۇشنىڭ چىقىش يولى يوقلۇقىنى، بىرلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرغاندىلا ئۈمىد بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى. مېنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىكى مەقسىتىم دەل يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈندۇر. جۇڭگو تەرەپ ۋيېتنام تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، دۇنيانى تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

لياڭ چياڭ جۇڭگونىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى مەيدان مۇھىم پائالىيەت جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىرىنى نامايان قىلدى. ۋيېتنام تەرەپ جۇڭگونىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور رول ئوينايدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدۇ. ۋيېتنام - جۇڭگو ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىي قىلدى، يۇقىرى قاتلام ئۇچرىشىشى قويۇقلاشتى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىدى. جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋيېتنام ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، ۋيېتنامنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللىشى. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيا ۋەزىيىتى ئالدىدا، ۋيېتنام تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى قەتئىي راۋاجلاندۇرىدۇ. ۋيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا قوللاپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا، ئۇل ئەسلىھە، پەن - تېخنىكا، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدۇ. كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ئۆزئارا ماسلىشىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە خەلقئارا سودا قائىدىسىنى قوغداپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ