شى جىنپىڭ سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ بىلەن كۆرۈشت

2025.09.08 14:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن سېربىيە 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاسىيا ۋە ياۋروپا جەڭ مەيدانىدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا فاشىزم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن غايەت زور قۇربانلىق بەردى، مۇھىم تۆھپە قوشتى. ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، جۇڭگو - سېربىيە ئىككى دۆلەت توغرا بولغان 2 - دۇنيا ئۇرۇشى تارىخ قارىشىنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە نەتىجىلىرىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك. كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئۆز ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغدىشى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: سېربىيە تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە يېڭى دەۋر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىۋاتقان ياۋروپا دۆلىتى، بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئالاھىدە خاراكتېرى ۋە يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى. جانجىگەر دوست بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو تەرەپ سېربىيە تەرەپنىڭ دۆلەت مەنپەئىتى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداپ، ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەركىن سودا كېلىشىمى ھەم ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش، بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى قاتارلىق قولايلىق ئورۇنلاشتۇرۇشلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - سېربىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

ۋۇچىچ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، دۇنياغا جۇڭگو خەلقىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى نامايان قىلغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن. دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى رەئىس شى جىنپىڭ ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىش ئاساسىدا ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر مۇھىم تەشەببۇس، بۇنىڭ ئىچىدە ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكىنى يولغا قويۇش، ئادەمنى ئاساس قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش قاتارلىق ئىدىيەلەرنىڭ يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشتە ئەھمىيىتى زور، سېربىيە تەرەپ تامامەن قوللايدۇ. سېربىيە بىلەن جۇڭگو جانجىگەر دوست، سېربىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ سېربىيە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن مەزگىلدە قىممەتلىك مەدەت ۋە ياردەم بەرگەنلىكىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان بارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى داۋاملىق قەتئىي قوللايدۇ. سېربىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سېربىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ