
9 – ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن كونگو (بىراززاۋېل) زۇڭتۇڭى ساسسۇ بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى جۇڭگو - كونگو يۇقىرى سەۋىيەلىك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - كونگو مۇناسىۋىتى جۇڭگو − ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ ئۈلگىسى. كونگو(بىراززاۋېل) ئىقتىسادىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئورتاق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېلىشىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا تۇنجى بولۇپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىردەكلىك ھاسىل قىلغان دۆلەت بولۇپ، ناھايىتى تېزلا تاموژنا بېجى ئالماسلىق تەدبىرىدىن نەپكە ئېرىشىدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىدۇ. كونگو(بىراززاۋېل) يەنە تۇنجى بولۇپ خەلقئارا مۇرەسسە مەھكىمىسى ئەھدىنامىسىنى تەستىقلىغان ئافرىقا دۆلىتى. جۇڭگو - كونگو يۇقىرى سەۋىيەلىك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ ئىش كۆرۈشى، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ دوستانە ئۆتۈش، ئۆزئارا ئىشىنىش سىياسىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىق يېڭى يوللىرىنى ئېچىپ، ھەمكارلىق، تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كونگو(بىراززاۋېل) جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئافرىقا تەرەپ ئورتاق رەئىس دۆلىتى بولغاندىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە «ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتى»نى ئورتاق ياخشى يولغا قويۇپ، يېشىل كەسىپ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە چىقىم قىلىش، پەن - تېخنىكا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداش، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش تارىخىي مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
ساسسۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ جاسارىتى ۋە دۇنيا خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىنچلىقنى قوغداپ، كەلگۈسىنى ياراتقانلىقىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. كونگو - جۇڭگو مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەلىك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپ ئۈچۈن ئورتاق گۈللىنىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش يېڭى رامكىسى بېكىتىپ بەردى. كونگو تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئورتاق رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كونگو تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. كونگو تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدۇ، بۇ مۇھىم تەشەببۇس تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق بولۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ. كونگو تەرەپ جۇڭگونىڭ ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قارىتا تاموژنا بېجى ئالماسلىقنى يولغا قويغانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، ئافرىقا − جۇڭگو سودا سىياسىتىدىن ئىبارەت بۇ يېڭى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ