
9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن زىمبابۋې زۇڭتۇڭى مىنانگاگۋا بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى جۇڭگو - زىمبابۋې دائىملىق تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن زىمبابۋې دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، ئىككى دۆلەتنىڭ «بەش يۇلتۇزلۇق تەۋرەنمەس» دوستلۇقى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، جۇڭگو ۋە ئافرىقا، ھەتتا يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى، ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە زىمبابۋې تەرەپنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا ئىزدىنىشىنى، سىرتنىڭ ئارىلىشىشى ۋە قانۇنسىز جازالىشىغا قارشى تۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ياخشى قوغدايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ جۇڭگو - زىمبابۋې مۇناسىۋىتىنىڭ ئورۇن بېكىتمىسىنى كۆتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەمكارلىق پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، كانچىلىق، مەبلەغ سېلىش، سودا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ زىمبابۋې تەرەپ بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، زىمبابۋېنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئورتاق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا مۇرەسسە مەھكىمىسىنى ياخشى قۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
مىنانگاگۋا مۇنداق بىلدۈردى: تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، خەلقئارا جەمئىيەت جۇڭگونىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن قوشقان زور تۆھپىسىنى ئەستە چىڭ ساقلىشى، توغرا بولغان 2 - دۇنيا ئۇرۇشى تارىخ قارىشىدا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. زىمبابۋې - جۇڭگو مۇناسىۋىتى 45 يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى، مۇستەھكەملەندى. زىمبابۋې تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە دائىملىق تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇپ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەل قىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقئارا مۇرەسسە مەھكىمىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرىگە قارىتا تاموژنا بېجى ئالماسلىقنى يولغا قويۇپ، خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ ئاكتىپ ۋە مۇھىم رولىنى كۈنسېرى جارى قىلدۇرماقتا. زىمبابۋې تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئالاقىدار تەشەببۇسلارنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ