
9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىئاز - كانېل بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - كۇبا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ ۋە مۇستەھكەملىنىپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ تەۋرەنمەس دوستلۇقىنىڭ روشەن بەلگىسىگە ئايلاندى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن كۇبا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقى، ئىككى تەرەپ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - كۇبا مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن كۇبا ئىككى تەرەپ تەقدىرداش بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، سەمىمىي مۇئامىلىدە بولىدىغان ئالاھىدە دوستلۇقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك؛ سەمىمىي ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىشى كېرەك، جۇڭگو تەرەپ قۇربى يەتكەن دائىرىدە كۇبا تەرەپنى داۋاملىق ياردەم ۋە مەدەت بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ؛ بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، 77 دۆلەت گۇرۇھى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە داۋاملىق ماسلىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشى كېرەك، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا مۇرەسسە مەھكىمىسىنى ئورتاق ياخشى قۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە كۇبا تەرەپنىڭ ئارىلىشىش ۋە قامال قىلىشقا قارشى تۇرۇش ھەققانىي كۈرىشىنى قەتئىي قوللايدۇ.
دىئاز - كانېل مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى داغدۇغىلىق، قىزغىن ئۆتكۈزۈلدى، بۇ، زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگونىڭ دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسى مەڭگۈ ئەستە ساقلىنىدۇ. كۇبا لاتىن ئامېرىكىسىدىكى تۇنجى بولۇپ جۇڭگو بىلەن ئىككى تەرەپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىۋاتقان دۆلەت، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى قويۇق، دوستلۇقى مۇستەھكەم. كۇبا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ كۇبانىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى خالىس قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ. كۇبا تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، تامامەن قوللايدۇ، پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.
ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە كۇبا جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭگو - كۇبا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، ئەمەلىي ھەمكارلىق، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرلىك يېزا ئىگىلىكى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.
ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ