
9 - ئاينىڭ 4 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ھەم خىزمەت زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2023 - يىلى 10 - ئايدا مەن يولداش باش شۇجى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى بەش يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى ئىمزالىغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى. ئىككى پارتىيەنىڭ نەزەرىيە مۇھاكىمە يىغىنى ۋە كادىرلارنى تەربىيەلەش ھەمكارلىقى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولى «بىر ئورۇندا ئىككى تەكشۈرۈش» ھۆكۈمەتلەر ئارا كېلىشىمى رەسمىي ئىمزالاندى، چوڭ تۈرلەر ھەم چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ۋە قاچقۇنلارنى قوغلاپ تۇتۇش، زاڭ پۇل - زاڭ مالنى قايتۇرۇۋېلىش قاتارلىق جەھەتتىكى ھەمكارلىق مول ئۈنۈملۈك بولدى، بۇ، جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتى ۋە ئۈلگىلىك رولىنى نامايان قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە مۇرەككەپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، ئىككى تەرەپ جۇڭگو - لائوس مۇناسىۋىتىگە يىراقنى كۆرىدىغان نەزەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئىگىلەپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللىشى كېرەك. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالاقىنى ياخشى قانات يايدۇرۇشنى پىلانلاش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ لائوس تەرەپ بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسىنىڭ 12 - قۇرۇلتايغا تەييارلىق كۆرۈشى ۋە ئۇنى ياخشى ئېچىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو - لائوس تۆمۈريول تىجارىتى ۋە لىنىيە بويىنى ئېچىشنى تۇتقا قىلىپ، «ئالتۇن چوڭ يول»نىڭ تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىنى سىجىل كېڭەيتىپ، نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. مۇداپىئە ئىشلىرى، قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان قىمار ئويناش، تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايىتى قاتارلىقلارغا سىجىل تۈردە يۇقىرى بېسىملىق قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ لائوسنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سۆھبەت ھەمراھى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيدۇ، لائوس تەرەپ بىلەن جۇڭگو − شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىقى، لەنساڭجياڭ - مېيگۇڭخې دەرياسى ھەمكارلىقى، شەرقىي ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى قاتارلىق رايون مېخانىزمىدا ماسلاشتۇرۇش ۋە ماسلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
تۇڭلۇن جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان لائوس تەرەپنى قىممەتلىك مەدەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتتى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر لائوس - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا، لائوس - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. لائوس تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن لائوس - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يېڭى بەش يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى داۋاملىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، لائوس - جۇڭگو ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، لائوس - جۇڭگو تۆمۈريولىدا «بىر ئورۇندا ئىككى تەكشۈرۈش» كېلىشىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنى خالايدۇ. لائوس تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ لائوسنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سۆھبەت ھەمراھى بولۇشىنى قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا سەھنىدە ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. تۇڭلۇن يەنە جۇڭگو تەرەپنىڭ لائوس پارتىيەسىنىڭ 12 - قۇرۇلتايغا تەييارلىق كۆرۈشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ