
رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن سۆز قىلىپ، جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشىنىڭ پائال نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېيتقان.
خەۋەر قىلىنىشىچە، پۇتىن مۇنداق بىلدۈرگەن: يىغىنغا قاتناشقان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگودا نامايان قىلغان ئىتتىپاقلىقى ئاكتىپ قىياپەت ۋە تۈرلۈك نىشانلارنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان قەتئىي ئىشەنچنى نامايان قىلدى.
پۇتىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىدا ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئاكتىپلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنغان.
پۇتىن يەنە مۇنداق بىلدۈردى: ياۋرو رايونىدىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر چېكىنىشكە دۇچ كەلدى، ھالبۇكى دۇنياۋى ئىقتىساد، بولۇپمۇ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى سىجىل تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، پۇتىن مۇنداق قارىغان: جۇڭگو يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات موتورى. دۇنيا ئىقتىسادى، بولۇپمۇ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ