ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا ئىشتاتىدا 6.0 بال يەر تەۋرىدى، دېڭىز تاشقىنى خەۋپى كۆرۈلمىدى

2025.09.04 14:54 مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئىدارىسى يەر تەۋرەش ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بېيجىڭ ۋاقتى 9-ئاينىڭ 4-كۈنى سائەت 4 تىن 57 مىنۇتلار ئەتراپىدا، ئامېرىكا ئالياسكا ئىشتاتى نىكولسكىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 87 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا 6.0 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ئون كىلومېتىر بولغان.

ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گەرچە يەر تەۋرەشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى بىرقەدەر زور بولسىمۇ، لېكىن تالاپەت ۋە مال-مۈلۈك زىيىنى توغرىسىدىكى دوكلات تېخى تاپشۇرۇۋېلىنمىغان. ئامېرىكا دۆلەتلىك دېڭىز تاشقىنىدىن ئاگاھلاندۇرۇش مەركىزى «دېڭىز تاشقىنى يۈز بەرمەسلىكى مۇمكىن» دەپ ئېيتقان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ