
تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 9-ئاينىڭ 2-كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: تۈركىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تىرىشىپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد-سودا، رەقەملىك تېخنىكا، ئېنېرگىيە، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ.
تۈركىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئەردوغان 8-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە جۇڭگو تيەنجىندە 2025-يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقان. ئەردوغان جۇڭگودىن تۈركىيەگە قايتىدىغان مەخسۇس ئايروپىلاندا بىللە كەلگەن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە جۇڭگو رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىم <مول نەتىجىلىك بولدى>. بىز جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ تەڭپۇڭ ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز داۋاملىق جۇڭگو تەرەپ بىلەن كېڭىشىشنى ساقلاپ قالىمىز.»
ئەردوغان ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 10 رەسمىي ئەزا دۆلىتى بار، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 30 تىرىليون دوللارغا يېقىنلىشىدۇ. «قۇرۇلغاندىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھاياتىي كۈچكە تولغان ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى. ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى تەكىتلەش ئارقىلىق، ئۆزگىچە سالاھىيەتكە ئىگە بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنياۋى ۋە رايون خاراكتېرلىك خىرىسلارنى ھەل قىلىشتا رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.»
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ