جەمئىي 200 مىڭ يۈەن! شىنجاڭدىكى 40 نەپەر ئوقۇغۇچى ئارزۇغا ئىنتىلىش ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى

2025.09.04 14:53 مەنبە: خەلق تورى

9-ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، 2025 ـ يىللىق «شىجيۇ . مېنىڭ ئالىي مەكتىپىم» ئارزۇغا ئىنتىلىش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى، شىنجاڭدىكى 40 ئوقۇغۇچىنىڭ ھەربىرىگە 5000 مىڭ يۈەندىن ئارزۇغا ئىنتىلىش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىلدى، جەمئىي 200 مىڭ يۈەن!

بۇ تۈر كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى گۇيجوۋ ئۆلكىلىك كومىتېتى بىلەن گۇيجوۋ شىجيۇ پاي چەكلىك شىركىتى 2006-يىلى بىرلىكتە قۇرغان ئۈمىد قۇرۇلۇشى ئاممىۋى پاراۋانلىق ئوقۇشقا ياردەم بېرىش تۈرى بولۇپ، ئارزۇغا ئىنتىلىش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، مەملىكەت بويىچە قىسمەن رايونلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەردىكى ئەخلاقتىمۇ، ئۆگىنىشتىمۇ ئەلاچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ «داشۆدە ئوقۇش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش»ىغا ياردەم بېرىشنى مەقسەت قىلغان.

«ئارزۇغا ئىنتىلىش ئوقۇش مۇكاپات پۇلى خۇددى بىر دەستە نۇرغا ئوخشاش مېنىڭ يۇرتۇمدا يىلتىز تارتىش غايەمنى يورۇتتى» دېدى ياردەمگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ساۋ يۈلۇڭ ھەمبەھرىلىنىپ. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: «ئوقۇش مۇكاپات پۇلى مېنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقىمنى ھەل قىلىپلا قالماي، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادەمنى تېخىمۇ چىڭىتتى، كەلگۈسىدە يۇرتۇمنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياشلىق كۈچۈمنى تەقدىم قىلىمەن.»

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ