شى جىنپىڭ موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې بىلەن كۆرۈشتى

2025.09.04 14:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، خۇاڭ ياڭ) 9 - ئاينىڭ 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە تاغ - دەريالىرى تۇتاش دوستانە قوشنا دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، كۆپلىگەن نۇقتىلىق تۈرلەردە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - موڭغۇلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، تەرەققىيات جەھەتتە يۇغۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە ئۈزلۈكسىز تۈردە ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق موڭغۇلىيە تەرەپنىڭ ئىشەنچلىك ۋە قەدىرلەشكە ئەرزىيدىغان ھەمراھى بولىدۇ. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىياسىي ئاساسىنى كۆڭۈل قويۇپ قوغداپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى دۇنياۋى خىرىسقا تېخىمۇ ياخشى تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، موڭغۇلىيە تەرەپ بىلەن بۇ تەشەببۇسنى بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمىدىن ئىبارەت قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشنى خالايدۇ.

كۈرىلسۇخې مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن بولغان قوشنىلار مەڭگۈ ئىناق - دوستانە ئۆتۈش، ئۇزاق مۇددەتلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش موڭغۇلىيە دۆلىتى دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى. موڭغۇلىيە تەرەپ جۇڭگونىڭ يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيەسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا داۋاملىق ئەمەل قىلىپ، تەيۋەنگە ئالاقىدار، شىزاڭغا ئالاقىدار، شىنجاڭغا ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار قاتارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ. موڭغۇلىيە تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىدىكى يوشۇرۇن كۈچنى قېزىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر باراۋەر قاتنىشىدىغان خەلقئارا ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلدى، موڭغۇلىيە تەرەپ يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا سەھنىدە ئۆزئارا قوللاپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ تاموژنا، ئۆلچەم، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ