ھەربىي پارات نەق مەيدانىدا 56 ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، 80 قېتىملىق ئاۋاز ياڭرىدى، بۇنىڭ قانداق مەنىسى بار؟

2025.09.03 13:51 مەنبە: خەلق تورى

56 دانە ھۆرمەت توپى جېڭياڭمېن شىمالىي مەيدانىنىڭ شەرق، غەرب ئىككى تەرىپىگە 8 شەكلىدە تىزىلغان، ھەر بىر تەرىپىدە 28 دانە ھۆرمەت توپى بار بولۇپ، توپ ئېغىزى ئايرىم-ئايرىم ھالدا شەرقىي جەنۇب ۋە غەربىي جەنۇب تەرەپكە قارىتىلغان.

ھەربىر ھۆرمەت توپىغا ئۈچ نەپەر توپچى سەپلەنگەن. بارلىق ھۆرمەت توپى ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى مۇراسىم كىيىمى كىيگەن.

56 ھۆرمەت توپى 56 مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇشتا مۇستەھكەم ۋە كۈچلۈك كۈرەش قىلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

28 ھۆرمەت توپى بىرلا ۋاقىتتا ئېتىلدى، بۇ 1921-يىلى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ 1949-يىلى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغىچە، 28 يىللىق جاپالىق ھەم شانلىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

80 قېتىملىق ئاۋاز جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى بىلدۈرىدۇ.

ھەر بىر زەمبىرەك ئاۋازىغا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ تىنچلىققا ئىنتىلىش، ۋەتەننى قوغداش ئىرادىسى يۈكلەنگەن، شۇنداقلا كەلگۈسىگە ئاتلىنىشتىكى مەزمۇت قەدەملەر يۈكلەنگەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ