
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 3- سېنتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى
جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز
(2025-يىل9-ئاينىڭ 3-كۈنى)
شى جىنپىڭ
پۈتۈن مەملىكەتتىكى قېرىنداشلار،
ھۆرمەتلىك دۆلەت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەت باشلىقلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى،
ھۆرمەتلىك مېھمانلار،
پاراتتىن ئۆتىدىغان كوماندىر-جەڭچىلەر،
يولداشلار، دوستلار:
بۈگۈن بىز داغدۇغىلىق يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەپ، تارىخنى بىرلىكتە ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، تىنچلىقنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى ياراتماقتىمىز.
مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ۋە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان قوماندانلارغا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە قىلىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان مەملىكەت ئىچى-سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل-قىزلىرىغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىمەن! جۇڭگو خەلقىنىڭ تاجاۋۇزچىلىققا قارشى ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرى ۋە خەلقئارادىكى دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن! ھەرقايسى دۆلەتلەردىن بۈگۈنكى يىغىنغا قاتناشقىلى كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالىمەن!
يولداشلار، دوستلار!
جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مىسلىسىز مۇشەققەتلىك ئۇلۇغ ئۇرۇش. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ بايرىقى ئاستىدا، جۇڭگو خەلقى پولاتتەك ئىرادىسى بىلەن كۈچلۈك دۈشمەنگە قارشى جەڭ قىلىپ، قان بىلەن گۆشتىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى تاشقى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشنىڭ تۇنجى تولۇق غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، جۇڭگو خەلقى غايەت زور مىللىي قۇربانلىق بېرىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى قۇتقۇزۇش، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشقا مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى.
تارىخ بىزگە شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرى بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان، ھەرقايسى دۆلەت، ھەرقايسى مىللەتلەر باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئىناق ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولغاندىلا، ئورتاق خەۋپسىزلىكنى قوغدىغىلى، ئۇرۇشنى مەنبەدىن تۈگەتكىلى، تارىخىي پاجىئەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ!
يولداشلار، دوستلار!
جۇڭخۇا مىللىتى زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان، مۇستەقىل، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان ئۇلۇغ مىللەت. ئەينى يىلى ھەققانىيەت بىلەن رەزىللىك، يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇق، ئىلغارلىق بىلەن ئەكسىيەتچىلىكنىڭ ھايات-ماماتلىق ئېلىشىشى ئالدىدا، جۇڭگو خەلقى دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، ئىنسانىيەتنىڭ ھەققانىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن جەڭ قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانلار يەنە تىنچلىق ياكى ئۇرۇش، سۆھبەتلىشىش ياكى قارشىلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش ياكى نۆل نەتىجىلىك ئېلىشىشتەك تاللاشقا دۇچ كەلمەكتە. جۇڭگو خەلقى قەتئىي ھالدا تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئىلگىرىلەش تەرىپىدە تۇرۇپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدۇ.
جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق تامامەن ئىشىنىدىغان قەھرىمان قىسىم. پۈتۈن ئارمىيەدىكى كوماندىر-جەڭچىلەر مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك!
تارىخ ئۆتمۈشنىڭ يۈكلىمىسى، شۇنداقلا كەلگۈسىنىڭ ئىلھامى. يېڭى دەۋر، يېڭى سەپەردە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، غەيرەت-شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى كېرەك!
جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ! ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىش جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ!
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ