
9-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى باشتىن-ئاخىر پارتىيە ۋە خەلق تولۇق ئىشىنىدىغان قەھرىمان ئارمىيە. پۈتۈن ئارمىيەدىكى قوماندان ۋە جەڭچىلەر مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، دۇنيادا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتئىي قوغداپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك!
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ