قەھرىمانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمىز! شى جىنپىڭ تيەنئەنمېن راۋىقىدىكى مۇراسىم كۆرۈش ئورنىدىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم ئەسكەرلەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى

2025.09.03 10:57 مەنبە: خەلق تورى

9-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.

خاتىرىلەش يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

80 نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ قەھرىمانلار جان پىدا قىلىپ، دۆلەتنىڭ قىيىنچىلىقىنى يېڭىشكە ئورتاق ئاتلىنىپ، يامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلارنى كېسىپ ئۆتۈپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار ياشىنىپ قالدى، يۈزلىرىنى قورۇق باسقان، چاچلىرى ئاقارغان بولسىمۇ، ھەربىر ياشانغان كىشىنىڭ چىرايىدا ئىپتىخارلىق ۋە خۇشاللىق جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ