

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 8-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە، 10-نۆۋەتلىك ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى 8-نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كىرىپ ئورۇنلىشىشنى تاماملىدى. ئالتە كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى قاتارلىق ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق تۆت تارماق (ئورۇن)، شىنجاڭ ياشىن كۆمۈر قاتلىمى گازى مەبلەغ سېلىش-ئېچىش (گۇرۇھى) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىق ئاپتونوم رايونغا قاراشلىق توققۇز دۆلەت كارخانىسىغا قارىتا دائىملىق كۆزىتىشنى قانات يايدۇرىدۇ.
كۆزىتىلىدىغان تارماقلار (ئورۇنلار)، دۆلەت كارخانىلىرى ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۆزىتىش بويىچە كىرىپ ئورۇنلىشىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەرقايسى كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىرى سەپەرۋەرلىك سۆزى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ