
9 -ئاينىڭ 3 ـ كۈنى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىق خاتىرە كۈنى. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 دا، بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىدا خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىدۇ ھەم قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.
شۇ كۈنى كەچ سائەت 8 دە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى - «ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ» بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار كېچىلىكنى كۆرۈشكە قاتنىشىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ