شى جىنپىڭ مالدىۋې زۇڭتۇڭى، ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى، بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى، تۈركىيە زۇڭتۇڭى، ئەرمېنىيە زۇڭلىسى، ھىندىستان زۇڭلىسى، ۋيېتنام زۇڭلىسى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى

2025.09.02 16:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار دۇڭ شۆ، ياڭ ۋېن) 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنجىن ئالىي مېھمانسارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن مالدىۋې زۇڭتۇڭى مۇئىززۇ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالدىۋې ئىككى دۆلەت بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، بەخت - سائادەتتىمۇ، جەبىر - جاپادىمۇ بىللە بولۇپ كەلدى. بۇلتۇر بىز ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈپ، جۇڭگو - مالدىۋې تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدۇق. بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن مالدىۋېنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىدا پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ مالدىۋېنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغداپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى داۋاملىق قوللايدۇ. مالدىۋې تەرەپ بىلەن پارتىيە، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى، ھۆكۈمەت قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. ئەمەلىي ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - مالدىۋې ئەركىن سودا كېلىشىمىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بېلىقچىلىق، دېڭىز - ئوكيان ئىلمىي تەكشۈرۈشى، مۇھىت قوغداش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ. پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەت ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىدۇ.

مۇئىززۇ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى پات ئارىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش ھازىرقى داۋالغۇپ تۇرغان خەلقئارا ۋەزىيەتتە دۇنياغا مۇقىملىق ئېلىپ كەلدى. مالدىۋې - جۇڭگو مۇناسىۋىتى قويۇق بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ باراۋەر ھەمكارلىشىشىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. مالدىۋې تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان مالدىۋېنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى ئىشلىرىغا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. مالدىۋې تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن سودا، مەبلەغ سېلىش، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدىكى ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، مالدىۋې - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ ياڭ، گو فاڭدا) 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنجىن ئالىي مېھمانسارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېف بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەزەربەيجان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 33 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى كۈنسېرى چوڭقۇرلىشىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل مۇستەھكەملىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. بۇ يىل 4 - ئايدا، بىز جۇڭگو بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىق يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتۇق. جۇڭگو بىلەن ئەزەربەيجان ئىككى دۆلەت تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشتىكى سەپەرداشلار، جۇڭگو تەرەپ ئەزەربەيجان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەت ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ساقلاپ، بىر - بىرىنى قەتئىي قوللىشى كېرەك. تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسپورت كارىدورىنىڭ ئىقتىدارىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، ساياھەت، ياشلار، يەرلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بايلىق ۋە كۈچ توپلاپ، خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئەزەربەيجاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى قوللايدۇ، ئەزەربەيجان تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئەلىيېف مۇنداق بىلدۈردى: ئەزەربەيجان بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەسىنى نامايان قىلدى. ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنى قوللاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتتى، سودا مىقدارى تېز سۈرئەتتە ئاشتى. ئەزەربەيجان تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد - سودا، پەن - تېخنىكا، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ. ئەزەربەيجان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پۇل مۇئامىلە، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، لياڭ زى) 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنجىن ئالىي مېھمانسارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقى بىلەن بېلارۇسىيە خەلقى ئىلگىرى مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق ھالدا مىلىتارىزم ۋە فاشىزمنى تارمار قىلىشقا زور تۆھپە قوشۇپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان. ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ، ئىنسانلار يەنە بىر قېتىم تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا. جۇڭگو تەرەپ بېلارۇسىيە تەرەپ بىلەن دەۋر مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئېلىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش ئىشلىرىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ دائىملىق ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە تەرەققىي قىلدى، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى داۋاملىق قەتئىي قوللىشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق يارقىن نۇقتىسى ۋە ئېشىش نۇقتىسىنى سىجىل بەرپا قىلىشى كېرەك. «2024 − 2025 جۇڭگو - بېلارۇسىيە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىلى»نىڭ نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇشى كېرەك. مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، ياشلار، يەرلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتە يېقىن ئۆتۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزملاردىكى ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

لۇكاشېنكو مۇنداق بىلدۈردى: ھەر قېتىم جۇڭگوغا كەلگىنىمدە، جۇڭگونىڭ جۇشقۇن، تەرەققىي قىلغان، ئالغا ئىلگىرىلىگەن قىياپىتى مېنى چوڭقۇر مەپتۇن قىلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ. جۇڭگو خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشتى. بېلارۇسىيە جۇڭگونىڭ دائىملىق ھەمراھى، مەڭگۈ ئىشەنچلىك دوستى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ پەن - تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە، ئۆلچەم، تاراتقۇ، قاتناش - تىرانسپورت، تاموژنا تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

سەي چى، ۋاڭ يى، چېن مىنئېر قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ما جويەن، جاڭ يۈچى) 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنجىن ئالىي مېھمانسارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىلدىن بۇيان، بىز ئىككى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك پىلانلاپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا كەڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن داۋاملىق تۈردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، زىچ بولغان جۇڭگو - قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - قىرغىزىستان ئىككى تەرەپ توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنىڭ كۈچ قوشۇش سالمىقىنى زورايتىپ، پاكىز ئېنېرگىيە، يېشىل قېزىلما بايلىق، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشى كېرەك. مەدەنىيەت، ساياھەت، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، قىرغىزىستان تەرەپنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى ئورتاق قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

جاپاروف مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو قىرغىزىستاننىڭ ياخشى قوشنىسى، ياخشى دوستى. جۇڭگودا قەدىمكىلەرنىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار: «قوشنا دۆلەتلەر بىلەن يېقىن ئۆتۈش، دوستانە ئۆتۈش − دۆلەتنىڭ ئەڭگۈشتەرى.» قىرغىزىستاننىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئەۋزەللىكى جۇڭگو بىلەن قوشنا بولغانلىقىدا. ھەر بىر قىيىنچىلىق پەيتىدە، قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگونىڭ قەتئىي قوللىشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشتى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو غايەت زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم موتورىغا ئايلاندى. قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، پاكىز ئېنېرگىيە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ. تەيۋەن مەسىلىسى قاتارلىق جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە، قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانىنى ئىلگىرىكىدەكلا قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغان مەزگىلدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەسىر كۈچى يېڭىدىن يۈكسىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يېڭى تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. قىرغىزىستان تەرەپ جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ ۋە قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئادەم كۈچى بايلىقى، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، يەرلىكلەر ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

سەي چى، ۋاڭ يى، چېن مىنئېر قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار فېڭ شىنرەن، يىن سىيۈەن) 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنجىن ئالىي مېھمانسارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئوخشاشلا يېڭىدىن گۈللەنگەن چوڭ دۆلەتلەر، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى، مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش روھىغا ئىگە دۆلەتلەر. جۇڭگو - تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىنى ساقلاش ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ئىككى دۆلەت تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىنى ئىگىلەپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇپ، جۇڭگو - تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە يېتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئادىل ۋە مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن تۈركىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 55 يىللىقى، ئىككى تەرەپ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بىرىنچى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى پۇختىلىشى كېرەك، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قوللاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككىنچى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى «ئوتتۇرا كارىدور» پىلانى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ جەنۇبىي يۆنىلىش يولى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد - سودا، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيە، 5G، بىيوتېببىي دورا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق يېڭى يارقىن نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچى، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە زىچ ماسلىشىپ، خەلقئارا تەرتىپ ۋە قائىدىنى ئورتاق قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

ئەردوغان مۇنداق بىلدۈردى: تۈركىيە جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىپ، سودا، مەبلەغ سېلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۇل ئەسلىھە، يېڭى ئېنېرگىيە، يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى، داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، ساياھەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، كۈچلۈك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. تۈركىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پات ئارىدا قۇرۇلغاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ زور بولغان بىر قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزىدۇ، تۈركىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. تۈركىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدىكى ئادىل مەيدانىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى، چېن مىنئېر قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لۇ جۈنيۈ، ليۇ ۋېيجېن) 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنجىن ئالىي مېھمانسارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ئەرمېنىيە زۇڭلىسى پاشنىيان بىلەن كۆرۈشتى. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى جۇڭگو بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئەرمېنىيەنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەنگەن. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 33 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا پايدا - مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدۇردى. ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىيات تارىخىدىكى مۇھىم ئابىدە، ئىككى تەرەپ ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئەرمېنىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى قوللايدۇ، ئەرمېنىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

پاشنىيان مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، ئەرمېنىيە تەرەپ جۇڭگودىن ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئەرمېنىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشىدۇ. ئەرمېنىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا قويۇق ماسلىشىشنى ساقلاپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەرمېنىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى ھەم بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، ئۆلچەم، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

سەي چى، ۋاڭ يى، چېن مىنئېر قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، شاۋ شياڭيۈن) 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنجىن ئالىي مېھمانسارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ھىندىستان زۇڭلىسى مودى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر بىز قازاندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچراشتۇق، جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتى قايتا باشلىنىپ، قايتا ئاتلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو بىلەن ھىندىستان شەرقتىكى ئىككى چوڭ مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر، دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ ئىككى دۆلەت، شۇنداقلا يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ مۇھىم ئەزالىرى بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت مۇھىم مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالغان. قوشنىلار ئىناق - دوستانە ئۆتىدىغان دوست، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇپ، «ئەجدىھا بىلەن پىل تەڭ ئۇسسۇلغا چۈشۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگو - ھىندىستان ئىككى تەرەپنىڭ توغرا تاللىشى بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ھىندىستان دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىپ، تيەنجىن ئۇچرىشىشى ئارقىلىق قايتا يۈكسەلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. بىرىنچىدىن، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. رەقىب ئەمەس، بەلكى ھەمكارلىق ھەمراھى، ئۆزئارا تەھدىت ئەمەس، بەلكى تەرەققىيات پۇرسىتى بولۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلىگەندىلا، جۇڭگو - ھىندىستان مۇناسىۋىتىدە ئاساس تۇتۇلسا، ھەممە ئىشلار يۈرۈشۈپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلغىلى بولىدۇ. ئىككىنچىدىن، ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ھىندىستان تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ، دىققەتنى تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ چوڭ ئورتاقلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، بىر - بىرىنى قوللاپ، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇشى كېرەك. ئۈچىنچىدىن، بىر - بىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە ئېتىبار بېرىپ، ئىناق ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك. جۇڭگو - ھىندىستان ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى 70 نەچچە يىل ئىلگىرى تەشەببۇس قىلغان تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى قەدىرلەشكە ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشقا ئېھتىياجلىق. چېگرا رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى بىرلىكتە قوغداپ، چېگرا مەسىلىسى ئارقىلىق جۇڭگو - ھىندىستان بىر پۈتۈن مۇناسىۋىتىگە ئېنىقلىما بېرىشكە يول قويماسلىق كېرەك. تۆتىنچىدىن، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئورتاق مەنپەئەتنى قوغداش كېرەك. تارىخىي مەسئۇلىيەتنى ئورتاق نامايان قىلىپ، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئاسىيا ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى قوغداش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇش كېرەك.

مودى مۇنداق بىلدۈردى: مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قازان ئۇچرىشىشىدا ھىندىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردۇق، ھىندىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتى قايتىدىن ئىجابىي ئىزغا چۈشتى، چېگرا تىنچ، مۇقىم بولۇشنى ساقلىدى، پات ئارىدا بىۋاسىتە قاتناش ئەسلىگە كېلىدۇ، بۇ نەتىجىلەر ھىندىستان - جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقىگە نەپ يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە دۇنياغىمۇ پايدىلىق. ھىندىستان بىلەن جۇڭگو رەقىب ئەمەس بەلكى ھەمراھ، ئورتاق تونۇش ئىختىلاپتىن چوڭ، ھىندىستان تەرەپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىشنى ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى ئېنىقسىزلىقى ئالدىدا، ھىندىستان بىلەن جۇڭگو دۇنيادىكى مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىنتايىن مۇھىم. ھىندىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئادىل، مۇۋاپىق، ئىككى تەرەپ بىردەك قوبۇل قىلالايدىغان چېگرا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى خالايدۇ. ھىندىستان بىلەن جۇڭگو ئوخشاشلا ئىستراتېگىيەلىك ئۆز - ئۆزىگە ئىگە بولۇش ۋە مۇستەقىل دىپلوماتىيەدە چىڭ تۇرىدۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى 3 - تەرەپنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى 21 - ئەسىرنى ھەقىقىي تۈردە ئاسىيا ئەسىرىگە ئايلاندۇرىدۇ، ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ خەلقئارا ئىشلاردا كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

سەي چى، ۋاڭ يى، چېن مىنئېر قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ پېڭ، ماۋ جېنخۇا) 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنجىن ئالىي مېھمانسارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ۋيېتنام زۇڭلىسى فەن مىڭجېڭ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەن بۇ يىل 4 - ئايدا ۋيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدۇم، ئىككى تەرەپ يېڭى ۋەزىيەتتە جۇڭگو - ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى دۆلەتتىكى ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى جايلار ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگو - ۋيېتنام ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ ماھىيەتلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ۋە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن ۋيېتنام يول ئىشەنچى ۋە تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى پاراخوتىنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ پۇختا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ ۋيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ۋيېتنام تەرەپنىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى 14 - قۇرۇلتىيىنى ياخشى ئېچىشىنى قوللايدۇ، ۋيېتنام تەرەپ بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، ئەركىن سودا رايونى، ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو - ۋيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتى ۋە ۋيېتنام ياشلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ «قىزىل تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش سەپىرى»نى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ كۆپ خەلق رايى قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىش كېرەك. كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.

فەن مىڭجېڭ باش شۇجى سۇ لىن، دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭنىڭ باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ۋيېتنام - جۇڭگو ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ قويۇق بولغان يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلىشى يولداش ھەم قېرىنداشتەك چوڭقۇر دوستلۇقنى نامايان قىلدى. ۋيېتنام بىلەن جۇڭگو ئورتاق ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتكە ئىگە، سوتسىيالىزم مۇساپىسىدىكى سەپەرداشلار، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋيېتنامنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللاش. ۋيېتنام تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، سودا، مەبلەغ سېلىشنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئاتلىنىشنى خالايدۇ، بۇ، ئىككى دۆلەت مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، شۇنداقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا پايدىلىق. ۋيېتنام تەرەپ جۇڭگونىڭ زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئورتاق خىرىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسىنى تەقدىم قىلدى. پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۆلىمى مىسلىسىز بولىدۇ، ۋيېتنام تەرەپ «شاڭخەي روھى»دا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى، چېن مىنئېر قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ