8-ئاينىڭ 27-كۈنى،ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى مۇتەخەسسىسلەرنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 8-شى 147-تۈەن 20-ليەنىنىڭ 1300 مو خاسىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدىن ئەمەلىي يىغىۋېلىنغان ھوسۇلنى ئۆلچەشكە تەشكىللىدى، بۇنىڭ ئىچىدە 460 مو ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىدىكى ئەمەلىي ھوسۇل ئېلىنغان بىر مو كۆلەم تاللاندى، ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 803.4 كىلوگىرام بولۇشتەك نەتىجە يارىتىلىپ، ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ مەملىكەت بويىچە خاسىڭنىڭ كەڭ كۆلەملىك بىرلىك ھوسۇل رېكورتى يەنە بىر قېتىم يېڭىلاندى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى ھوسۇل ئۆلچەنگەن ئۈلگە كۆرسىتىش ئېتىزىنى ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى زىرائەت تەتقىقات ئورنىنىڭ ياغلىق دان زىرائەتلىرى ئىرسىيەتلىك سورت يېتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈش بويىچە فىزىيولوگىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپى ۋە شىنجاڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پەنلەر ئاكادېمىيەسى بىڭتۈەن بىلەن يەرلىك بىرلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئورتاق بەرپا قىلغان. دۆلەت خاسىڭ كەسپى تېخنىكا سىستېمىسى سورت تاللاپ يېتىشتۈرۈش، ماشىنىلارنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ سەپلەش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىدۇ، بۇنى شۇ جايدىكى دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى كونكرېت يولغا قويىدۇ.
«بىرلىك ھوسۇل رېكورتى دۆلەت ئىچىدىكى 270 كىلوگىراملىق ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسىدىن خېلىلا يۇقىرى.» بۇ قېتىمقى ھوسۇل ئۆلچەش مۇتەخەسسىسى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، دۆلەت خاسىڭ كەسپى تېخنىكا سىستېمىسىنىڭ باش ئالىمى جاڭ شىنيوۋ مۇنداق دېدى: بۇ شىنجاڭنىڭ يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شارائىتىنىڭ خاسىڭ تېرىشقا ئىنتايىن ماس كېلىدىغانلىقىنى، كەسىپ ئىستىقبالىنىڭ ئىنتايىن پارلاق ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
بۇ قېتىم رېكورت يېڭىلانغان تەجرىبە ئېتىزىدا ئىلگىرى 2024-يىلىدا مىڭ مو يەردىكى ھەر مو يەرنىڭ بىرلىك ھوسۇلى 658.24 كىلوگىرام بولۇش رېكورتى يارىتىلغان. بىر يىلدىن بۇيان، تەتقىقات كوللېكتىپى مۇۋاپىق كېلىدىغان يۇقىرى ياغ كىسلاتالىق خاسىڭ سورتىنى تاللاش ئارقىلىق، ياخشى سورت، ياخشى ئۇسۇللارنى يەنىمۇ توپلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن دېھقانچىلىق ھۈنەر-سەنئىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىرلىك ھوسۇل سەۋىيەسىنى يەنە بىر قېتىم ئۆستۈردى.