پۇتىن تيەنجىنگە يېتىپ كەلدى

2025.09.01 15:41 مەنبە: خەلق تورى

8-ئاينىڭ 31-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئايروپىلان بىلەن تيەنجىنگە يېتىپ كېلىپ، 2025-يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى. بۇ زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ بۇلتۇر 5-ئايدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەندىن كېيىن، يەنە بىر قېتىم جۇڭگو سەپىرىنى باشلىشى ھېسابلىنىدۇ.

رۇسىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى قۇرغۇچى ئالتە ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە باشتىن-ئاخىر زىچ ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى. جۇڭگو-رۇسىيە دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، داۋالغۇش، ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ مۇقىم، ئەڭ پىشىپ يېتىلگەن، ئەڭ مول ئىستراتېگىيەلىك ئىچكى خاس مەزمۇنغا ئىگە بىر گۇرۇپپا چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىگە ئايلاندى.

تيەنجىندىكى سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن، زۇڭتۇڭ پۇتىن يەنە بېيجىڭغا بېرىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ