
ئۆز مۇخبىرىمىز خې شاۋيۈ
سۈرەتتە: 8-ئاينىڭ 28-كۈنى، مۇخبىرلار ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئاخبارات مەركىزىدە ھەر قېتىملىق ھەربىي پارات سۈرەتلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. ئاخبارات مەركىزى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى چەت ئەللىكلەرنى كۈتۈۋېلىش مۇلازىمىتىنى باشلىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جىن لياڭ فوتوسى
8-ئاينىڭ 28-كۈنى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئاخبارات مەركىزى تۇنجى مەيدان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تەييارلىق ئەھۋاللىرىنى تونۇشتۇردى.
دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى خۇڭ لېي مۇنۇلارنى جاكارلىدى: جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، چەت ئەلنىڭ 26 نەپەر دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. ئۇلار: رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارىياتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن، كامبودژا پادىشاھى سىخامونى، ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭ، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى توڭلۇن، ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى پىرابوۋو، مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر، موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى ژىلېسۇخ، پاكىستان زۇڭلىسى شاباز، نېپال زۇڭلىسى ئوللى، مالدىۋى زۇڭتۇڭى مۇيىز، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېۋ، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى زەپەروۋ، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى سېردار بەردىمۇھەممەدوۋ، بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو، ئەزەربەيجان زۇڭتۇڭى ئەلىيېۋ، ئەرمېنىيە زۇڭلىسى پاشىنيان، ئىران زۇڭتۇڭى پېزېشىيان، كونگو زۇڭتۇڭى ساسۇ، زىمبابۋې زۇڭتۇڭى منانگاگۇۋا، سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ، سىلوۋاكىيە زۇڭلىسى فىزو، كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1-شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى دىياس كانېل، بىرمىنىڭ مۇۋەققەت زۇڭتۇڭى مىن ئاڭلەي.
چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلارنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى، ۋەكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈك، قاتناشقان دائىرىسى كەڭ
جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت باشلىقلىرى، ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرى، يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللىرى، خەلقارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، سابىق سىياسىي ئەربابلار خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، چەت ئەلنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، ھەربىي ئەمەلدارلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرىمۇ تەكلىپكە بىنائەن قاتنىشىدۇ. رۇسىيە، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، كانادا قاتارلىق 14 دۆلەتتىن كەلگەن 50 نەپەر دوست-بۇرادەرلەر ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ۋەكىللىرى تەكلىپكە بىنائەن قاتنىشىدۇ.
خۇڭ لېي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغان چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلارنىڭ دەرىجىسى يۇقىرى، دۆلەت باشلىقلىرى ۋە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى كۆپ بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگونىڭ بۇ قېتىمقى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈشىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە جۇڭگوغا بولغان دوستلۇق مېھرىنى نامايان قىلدى. ۋەكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈك، ۋەكىللەر دۇنيادىكى بەش چوڭ قىتئەنى قاپلىغان، بۇ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قوشقان تارىخىي تۆھپىسى ۋە دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. قاتناشقان دائىرىسى كەڭ، ۋەكىللەر ئىچىدە ھۆكۈمەت ۋەكىللىرىمۇ، خەلق ئىچىدىكى زاتلارمۇ بار، بۇنىڭ ئىچىدە خەلقئارادىكى نۇرغۇن دوستلار ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى جۇڭگودا ھەممە ئادەم بىلىدۇ.
«تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدە، جۇڭگو دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى رېكورتى بار چوڭ دۆلەت». خۇڭ لېي مۇنداق دېدى: «جۇڭگو خەلقى ھەرقايسى دۆلەت خەلقى بىلەن بىرلىكتە، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مېۋىسىنى قەتئىي قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرى سۈرىدۇ».
ئەدەبىيات-سەنئەت كۆركى ئەڭ ئاخىرقى يۇغۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىردى
جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش ئەدەبىيات سەنەت كېچىلىكى 3-سېنتەبىر كەچتە خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇ چاغدا پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى، ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا قاتناشقان پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار، تۆھپە كۆرسەتكەن، شەرەپ كەلتۈرگەنلەر بويىچە تەقدىرلەنگەنلەر ۋەكىللىرى، ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىق ھەر ساھە زاتلىرى ئويۇننى كۆرىدۇ. ھازىر ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ئاخىرقى يۇغۇرۇلۇش باسقۇچىغا كىردى.
باش تېمىنى ئىپادىلەش جەھەتتە، ئويۇندا «تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش، تىنچلىقنى قەدىرلەش، كەلگۈسىنى يارىتىش» ئاساسىي تېما قىلىنىپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ شەرقتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانىدىكى مۇھىم تارىخىي باسقۇچ ۋە تارىخىي مەنزىرە ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىپ، ئۇرۇشتا قان كېچىپ جەڭ قىلغان ئىنقىلابىي قۇربانلار چوڭقۇر ياد ئېتىلىپ، جۇڭگونىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداشتىكى ئېنىق پوزىتسىيەسىنى تولۇق نامايان قىلىپ، ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان، تىنچلىق جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان، خەلق جەزمەن غەلىبە قىلىدىغان مەڭگۈلۈك ھەقىقەتنى نامايان قىلىنىدۇ.
بەدىئىي ئىپادىلەش جەھەتتە، سەنەت ئارقىلىق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىلىپ، «تىياتىر» ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، «تارىخىي داستان»لىق سالاپىتىنى نامايان قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتتۇق. مۇزىكا، ئۇسسۇل، كۆرۈنۈشلۈك تىياتىر قاتارلىق كۆپ خىل سەھنە سەنئىتى شەكلى ئارقىلىق، سەھنە ئويۇنى، كۆپ ۋاسىتىلىك تاراتقۇ، چۆكمە ئاۋاز ئۈنۈمى قاتارلىق كۆپ خىل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، قاتلىنىش ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، كىشىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرىدىغان تارىخىي كۆرۈنۈشلەر شەكىللەندۈرۈلىدۇ.
ئىجادىيەت، ئويۇن قويۇشتا، بىر تۈركۈم ياش ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئاساسىي كۈچ بولدى. ئاساسلىق ئىجادىيەت كوللېكتىپى جەھەتتە،80-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ياش سەنئەتكار باش رېژىسسورلۇقنى ئۈستىگە ئالدى،90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان زور بىر تۈركۈم ياش رېژىسسورلار ئىجادىيەتكە قاتناشتى. ئارتىسلار جەھەتتە، ئەدەبىيات-سەنئەت ئۆمەكلىرىدىكى ياش ئارتىسلار ۋە سەنئەت مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئاساس قىلىنغان بولۇپ، 2000-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئارتىسلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %50تىن ئاشتى.
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لۇ يىڭچۈەن مۇنداق دېدى: «بىز مەيلى مۇشۇ تارىختىن كەلگەن كىشىلەر بولسۇن ياكى يېڭى دەۋردە بۇ تارىخقا چوڭقۇر نەزەر سالغان كىشىلەر بولسۇن، ھەممىسىنىڭ بۇ كېچىلىكنىڭ ئېسىل دېدۇكسىيەسى داۋامىدا تارىخنىڭ سىنىقىدىن پاكلىنىپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈشىنى، تەسىراتقا ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
ئۈچ قېتىملىق ئۇنىۋېرسال مانېۋىر تاماملاندى، ھەربىي پارات تەييارلىقى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتتى
بۇ قېتىمقى ھەربىي پارات خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ھەربىي پاراتقا قاتناشقان كۈچ ئامىلى تولۇق، قۇرۇلما تۈزۈلۈشى سىستېمىلىق، قورال-جابدۇقلارنىڭ سانى كۆپ، تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىنىش نىسبىتى يۇقىرى بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويغان خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشتىكى يېڭى قىياپىتى، كۈچ قۇرۇلمىسىنىڭ يېڭى ئورۇنلاشتۇرمىسى، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئىلگىرىلەش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشتىكى يېڭى نەتىجە-ئۈنۈملەرنىڭ بىر قېتىملىق مەركەزلىك نامايەندىسى ھېسابلىنىدۇ.
«بىز تيەنئەنمېن رايونىدا ئۈچ قېتىملىق ئۇنىۋېرسال مانېۋىرنى تاماملاپ، ئومۇمىي جەھەتتىن كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشتۇق، پاراتتىن ئۆتكەن بارلىق قىسىملارنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ، جەڭگىۋارلىقى يۇقىرى، پاراتتىن ئۆتىدىغان بارلىق قورال-جابدۇقلار باشتىن-ئاخىر ياخشى ھالەتنى ساقلىدى.» دېدى، _ ھەربىي پاراتقا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە باش ئىشتابى ئۇرۇش قىلىش ئىدارىسىنىڭ شاۋجياڭ دەرىجىلىك مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ زېكې، _ «ھەربىي پاراتنىڭ تەييارلىقى ئاساسىي جەھەتتىن پۈتۈپ، تەتۈر ساناق باسقۇچىغا كىردى، بىز بىرلىكتە 3 سېنتەبىردە رەسمىي كۆرۈشەيلى!»
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بېيجىڭ شەھىرى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان شەھەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ياخشى ئىشلەپ، خاتىرىلەش يىغىنىنى ئەڭ ياخشى ھالەتتە كۈتۈۋالىدۇ.
خاتىرىلەش يىغىنى نەق مەيدانىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. تيەنەنمېن مەيدانىغا يىلنامە سەھنىسى، تاماشىبىنلار ئورنى، LED چوڭ ئېكرانى قاتارلىقلار كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى. تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ كۆرەلىشى ئۈچۈن، ۋاقىتلىق كۆرۈش سۇپىسى ھازىرلاپ، ئاممىنىڭ كۆرۈش ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇلدى.
مۇلازىمەت كاپالىتى كۈچەيتىلدى. پاراتتىن ئۆتىدىغان قىسىملارنىڭ ئېھتىياجىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكىنىڭ نومۇرلىرىنى ئىجاد قىلىش، رېپېتىتسىيە قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، پائالىيەت مەيدانى، خاتىرە ئەسلىھەلىرى قاتارلىق سورۇنلارغا كەسپىي مۇلازىمەتچىلەرنى سەپلىدى ھەمدە پايتەختتىكى 30 نەچچە ئالىي مەكتەپتىن بىر تۈركۈم قىزغىن، كەسپىي پىدائىيلارنى تاللاپ، ۋاقتىدا، ئەتراپلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
شەھەر مۇھىتىنى ياخشىلاندى. چاڭئەن كوچىسى بويىغا 10 گۇرۇپپا ستېرېئولۇق گۈللۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بەش ئەتىرگۈل گۈل ساندۇقى مەنزىرە كۆۋرۈكى رايونى بەرپا قىلىندى. «ئاۋامنى پاراكەندە قىلماسلىق، ئاۋامنى ئازراق پاراكەندە قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، قاتناشنى تىزگىنلەش ۋاقتى ۋە دائىرىسىنى ئەڭ زور چەكتە قىسقارتىپ، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىش، ئەسكەرتىش-يېتەكلەش خىزمىتىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەپ، پائالىيەتنىڭ راۋان ئۆتكۈزۈلۈشىگە، جەمئىيەت قاتنىشىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى.
ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىلدى. بىر قاتار ئاساسىي تېمىلىق كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى كۆرگەزمىسىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن تاماملاپ، 1525 پارچە سۈرەت، 3237 مەدەنىيەت يادىكارلىقى، 45 تارىخىي سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرگەزمە قىلدى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى تۇنجى قېتىم تاشقى كۆرگەزمىگە ئېچىۋېتىلگەن.
بېيجىڭ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى شيا لىنماۋ مۇنداق دېدى: «بېيجىڭ شەھىرى داۋاملىق ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم، ئەڭ قاتتىق تەلەپ، ئەڭ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەيدۇ».
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ