ياۋروپادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى گېرمانىيەدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى

2025.08.28 16:16 مەنبە: خەلق تورى

گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ ھەربىي سانائەت كارخانىسى بولغان رېيىن مېتال شىركىتى 8-ئاينىڭ 27-كۈنى گېرمانىيەنىڭ نىېدېرساكسون ئىشتاتىدىكى كىچىك شەھەر ئۇنتەرلۇستا يېڭى ئوق-دورا زاۋۇتىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈدى. گېرمانىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى كېلىندابەر، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پىستولىئۇس ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى رۇت قاتارلىقلار مۇراسىمغا قاتناشتى.

رېين مېتال شىركىتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ زاۋۇت بۇ يىل 250 مىڭ دانە 155 مىللىمېتىرلىق كالىبىرلىق زەمبىرەك ئوق-دورىسى ئىشلەپچىقىرىدىكەن، كېلەر يىلى 140 مىڭغا كۆپەيتىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 2027-يىلىدىن باشلاپ، زاۋۇتنىڭ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 350 مىڭ دانىگە يېتىدىكەن، شۇ چاغدا ياۋروپا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلىنىدىكەن. ئادەتتىكى زەمبىرەك ئوقىدىن باشقا، رېين مېتال شىركىتى يەنە بۇ زاۋۇتتا كاتيۇشا ئىشلەپچىقىرىشنى پىلانلىغان. بۇ خىل زەمبىرەك ئوقىغا كىچىك تىپتىكى ئىتتىرىش سىستېمىسى سەپلەنگەن بولۇپ، ئېتىش مۇساپىسى 100 كىلومېتىرغا يېتىدىكەن، 155 مىللىمېتىر كالىبىرلىق ئادەتتىكى زەمبىرەك ئوقىنىڭ ئېتىش مۇساپىسى ئادەتتە 30 كىلومېتىردىن 40 كىلومېتىرغىچە بولىدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ