
ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى ( CNN ) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 27-چېسلا، ئامېرىكا مىننېسوتا ئىشتاتى مىننېئاپولىس شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر مەكتەپتە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. شۇ جايدىكى ساقچى تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقەدە ئوققا تۇتقۇچى ۋە ئىككى بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۈچ ئادەم ئۆلۈپ كەتكەن، يەنە 17 ئادەم يارىلانغان.
ئوققا تۇتقۇچى 23 ياش، دېلو سادىر قىلىش مۇددىئاسى ئېنىق ئەمەس.
خەۋەر قىلىنىشىچە، مىننېئاپولىس شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى برايىن ئوخارا بىر مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بىر كاتولىك دىنى مەكتىپىدە ئوققا تۇتۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ئوققا تۇتقۇچى چېركاۋنىڭ دېرىزىسىدىن ئۇزۇن ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بالىلارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىپ، سەككىز ياش ۋە ئون ياشلىق ئىككى بالىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، يەنە 17 ئادەم يارىلانغان، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپىنچىسى بالىلار.

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ