بىردىن 28گىچە، شىنجاڭدىكى ئايرودۇرۇملارنىڭ سانى توختىماي كۆپىيىۋاتىدۇ

2025.08.27 15:05 مەنبە: خەلق تورى

كۈزدىكى قۇياش نۇرى ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتى شىمالىي ئاۋىياتسىيە رايونى ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ ئەينەك تېمىدىن ئۆتۈپ، پارقىراپ تۇرغان پاكىز يەر يۈزىگە كۆچمە نۇر شولىسىنى چۈشۈرۈپ تۇراتتى. يولغا چىقىش زالىدىكى نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئالاھىدە چوڭ ئېكران ئالدىدا تۇرۇپ، خې خۇڭمېي توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان ئۇچۇرلارغا قاراۋاتاتتى − گۇچۇڭ، تاشقورغان، باركۆل، يەكەن... ئىلگىرى خەرىتىدىلا كۆرگىلى بولىدىغان ئاشۇ يەر ناملىرىنىڭ ھەممىسى بۈگۈنكى كۈندە بىۋاسىتە ھېس قىلغىلى بولىدىغان ئاۋىياتسىيە نۇقتىسىغا ئايلانغانىدى.

«ھەدە، بۇ بىزنىڭ شىنجاڭدىكى 28-پۇقراۋى ئايرودۇرۇمنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلان ئۇچۇش ئەھۋالى، باركۆل بىلەن ئۈرۈمچى ئارىسىدا بېرىپ كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى رەسمىي ئېچىلدى» دېدى يېنىدىكى بىر خىزمەتچى خادىم خې خۇڭمېيغا تونۇشتۇرۇپ.

« ئايرودۇرۇم بىردىن تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈندە 28گە يەتتى، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغانلىقىدىن ھەقىقەتەن ئىپتىخارلىنىمەن.» خې خۇڭمېي مۇنداق دېدى: پېشقەدەم خەلق ئاۋىياتسىيە خادىمى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پېنسىيەگە چىققان بولساممۇ، شىنجاڭنىڭ خەلق ئاۋىياتسىيە ئىشلىرىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىمەن.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمى قاقاس چۆللۈكتە بارلىققا كەلدى. قۇرۇلۇش باشلانغان ئاشۇ دەقىقىدىن باشلاپلا، ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىدا ئېچىۋېتىشنىڭ ئىزى قېلىشقا باشلىغانىدى. بىر توپىلىق ئۇچۇش-قونۇش يولى، تار كىچىك ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى بار بولۇشتىن بۈگۈنكى كۈندە ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ 4F دەرىجىلىك ئىككى ئۇچۇش-قونۇش يولىغا، 500 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئاۋىياتسىيە بىناسىغا ئىگە بولۇشىغىچە، ھەربىر قېتىملىق قۇرۇلۇش، ھەربىر ئۆسۈپ يېتىلىش ئىزىغا شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كەڭ دۇنياغا قاراپ پەرۋاز قىلىشتىن ئىبارەت قەتئىي ئىنتىلىشى مۇجەسسەملەنگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى يېڭى يۇقىرى دولقۇننى كۈتۈۋالدى. 2012-يىلىدىن ھازىرغىچە، شىنجاڭدا نۇرغۇن ئايرودۇرۇم يېڭىدىن قۇرۇلدى، ئۆزگەرتىپ كېڭەيتىپ قۇرۇلدى، پۇقراۋى ئايرودۇرۇم سانى 2012-يىلىدىكى 17دىن ھازىرقى 28گە كۆپىيىپ، سان جەھەتتە مەملىكەت بويىچە 1-ئورۇندا تۇرۇپ، ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىنى يادرو قىلغان، قەشقەر، كورلا، ئاقسۇ، غۇلجا قاتارلىق رايون ئىككىلەمچى تۈگۈنلىرىنى قوشۇمچە قىلغان «بىر يادرو، كۆپ قوشۇمچە» بولۇشتەك خەلق ئاۋىياتسىيە تۈگۈن سىستېمىسى شەكىللەندۈرۈلدى.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ