
سىپرىنگېر . تەبىئەت قارىمىقىدىكى كەسپىي ئىلمىي ژۇرنال «تەبىئەت-كىلىمات ئۆزگىرىشى»دە ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان جۇڭگو شياڭگاڭلىق ئالىملار باشلامچىلىق بىلەن تاماملىغان بىر پارچە تەتقىقات ئىلمىي ماقالىسىدە باھالاپ كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلەر كۆپ يىل ئىسسىق ھاۋا دولقۇنىغا ئۇچرىسا قېرىشنى تېزلىتىۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن، «يۇقىرى تېمپېراتۇرا ئادەمنى تېز قېرىتىۋېتىش»تەك بۇ ھادىسە جىسمانىي ئەمگەكچىلەر، يېزا ئاھالىلىرى ۋە ھاۋا تەڭشىگۈچ يېتەرلىك سەپلەنمىگەن كىشىلەر توپىدا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدىكەن.
بۇ ئىلمىي ماقالىدە تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئىسسىق ھاۋا دولقۇنىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى كىلىمات ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن ئۈزلۈكسىز ئېشىپ، غايەت زور ئاممىۋى سەھىيە تەسىرىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن ئىكەن. گەرچە بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى تەتقىقاتلار ئىسسىق دولقۇننىڭ ياشقا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەرگە، بولۇپمۇ ياشانغانلارغا بولغان سەلبىي تەسىرىنى ئىسپاتلىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تەتقىقاتلار ئاساسلىقى سىجىل ئىسسىق ھاۋا دولقۇنىدا قىسقا مۇددەتلىك تۇرۇشقا مەركەزلەشكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ