شىنجاڭ ساقچىلىرى پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش دېلوسىنى رازۋېدكا قىلىپ پاش قىلدى

2025.08.26 15:15 مەنبە: خەلق تورى

مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق گۇڭئەن نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئورگىنى خىزمەت جەريانىدا، بەزىلەرنىڭ باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاتا-ئانىلىرىغا پات-پات تېلېفون قىلىپ، «شەخسىي بۇيرۇتۇلغان» تەكرارلاش سىنىپىنى دەل جايىدا تونۇشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كونكرېت ئۇچۇرىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلەيدىغانلىقىنى، گۇمانىي شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئاشكارىلىنىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئورگىنى بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، رازۋېدكا خىزمىتىنى تېزدىن قانات يايدۇرۇپ، ئىككى ئاپپاراتتا پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇنسىز سېتىۋېلىشتەك قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بايقىغان، مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرنى دەرھال تەكشۈرگەن.

تەكشۈرۈش ئارقىلىق، جىنايەت گۇماندارى ليۇ XX ئوقۇغۇچىلارنىڭ 50 مىڭدىن ئارتۇق شەخسىي ئۇچۇرىنى قانۇنسىز توپلىغان ھەمدە مەلۇم ئاپپاراتنىڭ خىزمەتچىسى فېڭ XX كە ساتقان، فېڭ XX يەنە ئۇچۇرنى يەنە بىر ئاپپاراتنىڭ خىزمەتچىسى شاۋ XX كە سېتىپ بەرگەن.

ھازىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئورگىنى ليۇ XX، فېڭ XX، شاۋ XX ئۈچەيلەنگە قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللاندى، دېلو يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈلمەكتە.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ