گۇ گۇاڭخەي شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاكادېمىيە باشلىقى بولدى

2025.08.26 15:13 مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۈندىدار سالونىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا، 4-نۆۋەتلىك شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مۇھاكىمە يىغىنى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەن. شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاكادېمىيە باشلىقى گۇ گۇاڭخەي ئاكادېمىيەدىكى مۇتەخەسسىس، ئالىملار بىلەن يىغىنغا قاتناشتى.

شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئورگان تورى ھازىرقى ئاكادېمىيە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچۇرىدا، گۇ گۇاڭخەي شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاكادېمىيە باشلىقى، پىروفېسسور دەپ كۆرسىتىلگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، گۇ گۇاڭخەي شىنجاڭ داشۆ پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى بولغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ