پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار نېمە ئۈچۈن «قېرىغىچە ئۆگىنىشى، ھاياتلا بولسا ئۆگىنىشى، قېرىغىچە تەربىيەلىنىشى» كېرەك؟ ( ئوقۇرمەنلەرنىڭ تېمىسى . ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈش)

2025.08.26 16:12 مەنبە: خەلق تورى

ئۆز مۇخبىرىمىز جاۋ چېڭ

پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم تەلەپ — پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىش. نېمە ئۈچۈن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىشنى ئىزچىل تەكىتلەيدۇ ھەم پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلاردىن « قېرىغىچە ئۆگىنىش، ھاياتلا بولسا ئۆگىنىش، قېرىغىچە تەربىيە ئېلىش»نى تەلەپ قىلىدۇ؟

___ تورداشتىن

بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن نېمىنى ئۆگىنىش، نېمىدە تەربىيەلىنىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش كېرەك. كومپارتىيە ئەزالىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئالدى بىلەن پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشتىكى بىرىنچى ئورنىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن پارتىيەۋىلىك ئوزۇقى ئېلىپ، كوممۇنىستلارنىڭ «روھىيەت»ىنى ئىزچىل ياخشى تاۋلاش كېرەك.

نۇرغۇن كىشىلەر مۇنداق بىر ئىشنى باشتىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن، يەنى، يەر تەۋرەش ئاپىتىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەردە ئالدىدا سەپنىڭ ئالدىدا ماڭغانلار، كۈندىلىك خىزمەتلەردە ئەڭ ئاكتىپ بولغانلار ئاساسەن دېگۈدەكلا پارتىيە ئەزالىرى. مانا بۇ بىز دائىم دەيدىغان پارتىيە ئەزالىرىدا پارتىيە ئەزاسىدەك قىياپەت بولۇشى كېرەك، دېگەنلىك. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ياخشى قىياپىتى قەيەردىن كېلىدۇ؟ پارتىيەۋىلىكتىن كېلىدۇ.

ئەگەر پارتىيەۋىلىك كۈچلۈك، ساپ بولمىسا، ھەرقايسى تەرەپلەردە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، تىنىم تاپالمايدۇ. بىر قىسىم يىقىلغان ئەمەلدارلارنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشىدىن بىز دائىم «پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىنى يوقاتقان»، «پارتىيەۋىلىك پىرىنسىپىدىن چەتلەپ كەتكەن» دېگەن بايانلارنى كۆرىمىز. پارتىيەۋىلىك بىلەن پىرىنسىپ تەڭ بىر قاتاردا دېيىلىدۇ، پارتىيەۋىلىك قولدىن كەتسە، پىرىنسىپتىن ئايرىلىپ قالىمىز، نىشاندىنمۇ ئادىشىپ قالىمىز.

نېمە ئۈچۈن «قېرىغىچە تەربىيەلىنىش» تەكىتلىنىدۇ؟

پارتىيەۋىلىك پارتىيەلىك ئىستاژىنىڭ ئېشىشى، ۋەزىپىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ تەبىئىي كۈچەيمەيدۇ. خۇددى ئۆينى دائىم تازىلاپ، ئەينەكنى دائىم سۈرتۈپ تۇرغانغا ئوخشاش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىش ئۈچۈنمۇ دائىم باشتىن ئۆتكۈزۈپ تۇرۇش، دائىم تاۋلىنىپ تۇرۇش كېرەك. پەقەت توختىماي «ۋىجدان»ىمىزدىن سوراپ، كامالەت ۋە قۇدرەت يېتىلدۈرگەندىلا، ئاندىن ئۆزىمىزگە «يۈز كېلەلىگەن» بولىمىز.

2001 يىلى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان يولداش شى جىنپىڭ دادىسى شى جۇڭشۈنگە يازغان بىر پارچە خېتىدە «مەيلى ئاق تېررورلۇق ئەۋج ئالغان يىللار ياكى چېكىدىن ئاشقان سولچىل لۇشيەن يۈرگۈزۈلگەن مەزگىل بولسۇن؛ مەيلى باشقىلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ياكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان مەزگىلىڭىز بولسۇن، قەلبىڭىزدە باشتىن ئاخىر بىر نۇرلۇق چىراغ بولغاچقا، توغرا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىدە مەڭگۈ چىڭ تۇردىڭىز» دېگەن. پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاشنى ئۆمۈرلۈك تېما قىلىشتا، ئارىلاشما ماددىلارنى ئۈزلۈكسىز چىقىرىپ تاشلاپ، ۋىرۇسنى يوقىتىپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، «قەلبىدە باشتىن ئاخىر بىر يورۇق چىراغ بولۇش» قا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

«قېرىغىچە تەربىيەلىنىش»نى قانداق ئىشقا ئاشۇرىمىز؟

پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن مول ئوزۇق ئالىمىز. دەۋرنىڭ ئىمتىھان سوئاللىرى دائىم دائىم يېڭىلىنىپ تۇرغاچقا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ روھىي ھالىتى، ئىدىيەۋى قارىشى، ساپا ئىقتىدارى، ئىستىل ئوبرازىغا يېڭى، تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپلەرنى قويىدۇ. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىر ئىدىيەۋى خەزىنە، ئۇنىڭدا ھەم سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان ئىدىيەۋى قورال، ھەم ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان ئىلمىي ئۇسۇل بار. شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشتا، ئەنخۇي، جېجياڭ ئۆلكىلىرى مەملىكەت بويىچە تۇنجى ئۆلكە ھالقىغان ۋادى ئېكولوگىيەسىنى قوغداش تولۇقلىما مېخانىزمى «يېڭى ئەنجياڭ ئەندىزىسى» ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «بىر دەريانى ئورتاق قوغداش»تىن «بىر رايوننى ئورتاق بېيىتىش»قا يۈزلەندى؛ جياڭسۇ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىدىن پىكىر يولى، ئۇسۇل ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇجۇ ئادىمىيەت ۋە ئىقتىسادتىن ئىبارەت «ئىككى تەرەپتىن كەشتىلەش» ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى گۇسۇنىڭ ئاۋات مەنزىرىسىنى بارلىققا كەلتۈردى ...... بۇ مىساللار شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، ئىدىيەۋى ئۇسۇلنى توغرا قىلغاندىلا، ئاندىن پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى چىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلغىلى، شۇنداقلا سىياسەت يۆنىلىشى ۋە ئۆلچىمىنى توغرا ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

خەلققە بەخت يارىتىش داۋامىدا پاكلىنىش ۋە يۈكسىلىش كېرەك. پارتىيەۋىلىك تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا مەيدان مەسىلىسى، خەلقنىڭ مەيدانى پارتىيەمىزنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانى. «قەلبىگە پۈتۈن خەلقنى پۈككەن، پەقەتلا ئۆزىنى ئويلىمايدىغان» جياۋ يۈلۇدىن «تاغلىقلارنىڭ بېيىشىغا ياردەم بېرىپ، تەيخاڭشەن تېغىدىكى يۈگۇڭغا ئايلانغان» لى باۋگوغىچە، يەنە «ئوقۇغۇچىلارنى يىراقتا چىرىغى، ئايىغى ئاستىدا يولى، كۆز ئالدىدا نۇرى بار قىلغان» جاڭ گۈيمېيغىچە ...... ھەقىقىي كوممۇنىستلار ئەزەلدىن جان-دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش داۋامىدا، پارتىيەۋىلىك نۇرى ۋە كىشىلىك قەدىر-قىممەت كۈچىنى نامايان قىلىدۇ.

مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش جەريانىدا چېنىقىش ۋە كۈچىيىش كېرەك. پارتىيەۋىلىك كۈرەشنىڭ سىنىقى ۋە ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەندىلا، ئاندىن راست-يالغانلىقىنى ۋە ساپلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. داۋانلاردىن ئېشىپ، تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىدىغان ھالقىلىق مەزگىل دەل ئىنقىلاب ۋە جان تىكىپ كۈرەش قىلىدىغان كۈچلۈك روھقا مۇھتاج. ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، پەن-تېخنىكىدىكى «گالدىن بۇغىدىغان» قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، ئىستىلنى تۇتۇشتىن باشلاپ، نوچىلارغا تېگەلەيدىغان جاسارەت بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇش كېرەك ...... زىممىگە ئېلىشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشلا كوممۇنىستلاردا بولۇشقا تېگىشلىك پارتىيەۋىلىك مەسئۇلىيىتى ۋە سىياسىي خىسلەت.

پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزلىك ئۆگىنىش-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنىڭ مۇھىم يولى، شۇنداقلا پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەۋىلىك جەھەتتە تەربىيەلىنىشىنى كۈچەيتىشىنىڭ قىممەتلىك پۇرسىتى. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش-تەربىيىسىنىڭ پۇختا قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاڭلىق ھالدا پارتىيىۋىلىكىنى تاۋلاپ، ئىدىيىۋى ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، قىيىنچىلىقتىن قورقماي ئىلگىرىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلىگەندىلا، ئىسلاھات، تەرەققىياتتا جەزمەن ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتالايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ