
تۈن پەردىسى يېيىلغاندا، گۇيجوۋدىكى خۇاڭگوشۇ شارقىراتمىسى كۈندۈزدىكى شاۋقۇن-سۈرەنلەر بېسىقىپ، نۇر ۋە سايە گىرەلىشىپ كەتكەن ئاجايىپ-غارايىپ سەھنىگە ئايلاندى. 77.8 مېتىر ئېگىزلىكتىكى چوڭ شارقىراتمىغا رەڭگارەڭ چىراغلار ئېسىلىپ، لازېر نۇرىدا ھاسىل قىلىنغان ھەسەن-ھۈسەن سۇ پەردىسىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتەتتى، ھولوگرافىيەلىك پىرويېكسىيەنىڭ ھەر خىل رەڭلىك تۇتېملىرى سۇ تۇمان ئارىسىدا لەيلەپ، خۇددى سامانيولى ئېقىپ چۈشكەندەك كۆرۈنەتتى.

AI ئارقىلىق خىيالىي خۇاڭگوشۇنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاجايىپ سەپەرنى ھېس قىلش
«چىراغ نۇرى بىلەن تەبىئىي مەنزىرە مۇكەممەل يۇغۇرۇلغان بولۇپ، چىراغ يانغان ھامان كىشىنى ھەيرەتتە قالدۇراتتى» − بۇ، خۇاڭگوشۇ كېچىلىك ساياھىتىدىكى ساياھەتچىلەر ئەڭ مەركەزلىك ماختايدىغان مەنزىرە. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2021-يىل 5-ئايدا رەسمىي چىراغ ياندۇرۇپ تىجارەت باشلىغاندىن بۇيان، كېچىلىك ساياھەت تۈرى خۇاڭگوشۇ مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە توختاش ۋاقتىنى 2.3 ھەسسە ئۇزارتىپ، قونۇش نىسبىتىنى %65 ئۆستۈرۈپ، ئەتراپتىكى ئىستېمال زەنجىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇشىغا تۈرتكە بولدى.
ساياھەتچىلەر سۇ، بۇلۇت شارقىراتمىسىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، «غەربكە قايتا ساياھەت» ناملىق ھەقىقىي مەنزىرە ئويۇنىغا قاتنىشىپ، يۇلتۇزلۇق ئاسمان ئاستىدىكى شارقىراتمىغا نەزەر سېلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە تائاملارنى تېتىيدۇ... ئاجايىپ تەبىئىي مەنزىرە ۋە مەدەنىيەت تەسىراتى بىر گەۋدە قىلىنغان كېچىلىك ساياھەت ئىقتىسادى خۇاڭگوشۇنىڭ دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى قۇرۇشىدىكى مۇھىم تىرەككە ئايلاندى.

AI ئارقىلىق خىيالىي خۇاڭگوشۇنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاجايىپ سەپەرنى ھېس قىلش
2024-يىلى، خۇاڭگوشۇ ساياھەت رايونى پۈتۈن يىلدا كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 10 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ساياھەت ئومۇمىي كىرىمى 11 مىليارد 700 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ساياھەت ئىقتىسادىدا جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. خۇاڭگوشۇنى كېچىدە ساياھەت قىلىش تەبىئىي گۈزەل مەنزىرە بىلەن بىر قېتىملىق تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قېلىش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى پەن-تېخنىكا يۇغۇرۇلغان بىر قېتىملىق ئاجايىپ كەچۈرمىش. (گاۋ خۇا، ياڭشى)
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ