
مۇخبىرنىڭ بۈگۈن دۆلەت ئۆلچەم كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، خەلقئارا ئۆلچەملەشتۈرۈش تەشكىلاتى يېقىندا «بالا پەرۋىشى بۇيۇملىرى —ھەممىباب بىخەتەرلىك — 2-قىسىم — مېخانىكىلىق زىيان» خەلقئارا ئۆلچىمىنى رەسمىي ئېلان قىغان.
بالا پەرۋىشى بۇيۇملىرىنىڭ مېخانىكىلىق زىيىنى بالىلار ھەر خىل بۇيۇملارنى ئىشلەتكەندە، مەھسۇلات لايىھەلەش، ئىشلەپچىقىرىش، قۇراشتۇرۇش قاتارلىق ھالقىلاردا ساقلىنىش ئېھتىمالى بولغان مېخانىكىلىق يوشۇرۇن خەۋپ سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان زىياننى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن، ئۆتكۈر گىرۋەك كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسىلىپ زەخىملىنىش، ھەرىكەت زاپچاسلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان قىسىلىش ۋە ئارقان تۈرىدىكى زاپچاسلار ئېلىپ كېلىدىغان بوغۇلۇش قاتارلىقلار ھازىرقى بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان گەۋدىلىك خەۋپ-خەتەر ئامىللىرىنىڭ بىرى.
بۇ خەلقئارا ئۆلچەم بالىلار بۇيۇملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، مېخانىكىلىق زىيان بىخەتەرلىك ئىدىيەسى، تېگىش خاراكتېرلىك خەۋپ-خەتەر، ھەرىكەت زاپچاسلىرى خەۋپى قاتارلىق 19 ئۆلچەمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر تەرەپلىمە بىخەتەرلىك تەلەپ سىستېمىسىنى ئىجادىي بەرپا قىلىپ، بالىلار مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەندە دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان 13 خىل مېخانىكىلىق زەخىم خەۋپ-خەتىرى كۆرۈنۈشىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ