تەتقىقات: قانۇنىيەتلىك ئۇخلاش يۈرەك زەئىپلەشكەن بىمارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق

2025.08.26 15:17 مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكا ئورېگون سەھىيە پەنلىرى داشۆسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى قانۇنىيەتلىك ئۇخلاش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشنىڭ يۈرەك زەئىپلەشكەن بىمارلارنىڭ سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بايقىغان.

بۇ مەكتەپنىڭ تەتقىقاتچىلىرى يېقىندا «ئامېرىكا يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى ژۇرنىلى: ئىلگىرىلەش» ژۇرنىلىدا ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: يۈرەك زەئىپلىشىش ئالامەتلىرىدىن ئەسلىگە كەلگەن بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قانۇنىيەتلىك ئۇخلاش ۋاقتىنى ساقلاش ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى ئوتتۇرا ھال دەرىجىدە قانۇنىيەتسىز ئۇخلاش بىمار ئالتە ئاي ئىچىدە قايتا جىددىي داۋالىنىش، دوختۇرخانىدا يېتىش، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىش قاتارلىق كىلىنىكىلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى بىر ھەسسە ئاشۇرۇۋېتىدۇ.

تەتقىقاتچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كىشىلەر ئۇخلىغاندا ھەمدە ئارام ئېلىش ھالىتىدە تۇرغاندا، قان بېسىمى ۋە يۈرەك رىتىمى كۈندۈزدىكىگە قارىغاندا تۆۋەن بولىدىكەن، لېكىن ئۇخلاش ۋاقتىنىڭ ئۆزگىرىشى يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىنى تەڭشەشكە قاتنىشىش مېخانىزمىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىشى مۇمكىن ئىكەن. شۇڭا، يۈرەك زەئىپلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىمارلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇيقۇنىڭ قانۇنىيەتچانلىقىنى ياخشىلاش بىر خىل تۆۋەن تەننەرخلىق داۋالاش ئۇسۇلى بولۇپ، كىلىنىكىلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىش خەۋپىنى تۆۋەنلىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ